Ana
FarganaAlim
歌手:Fargana-Alim
专辑:《FarganaAlim》

作词 : Qimangul Awut
作曲 : Jurat Tursun
ئانا دىسەم ئېچىلدى گۈللەر ،
ئانا دىسەم يورىدى تۈنلەر .
پارە - پارە كۈنلىرىڭ ئۈچۈن ،
ياقا يىرتىپ بۇلبۇلۇڭ ئۈنلەر .

سەن سۆيگەن ۋىسال باغىنى ،
سەن كۆتۈرگەن جاپا تاغىنى .
مەن تۆت كۈنمۇ كۆتۈرەلمىدىم ،
نىمە دەرمەن ھەسرەت داغىنى .

يوللىرىڭغا تۆكەي يېشىمنى ،
ئەجرىڭ ئۈچۈن ئىگەي بېشىمنى .
مەن ۋاپادار بولالماي قالسام ،
زەھەر دىگىن يىگەن ئېشىمنى .

جېنىم ئانا جان جاھانىم ،
جان جىگەرىم باغۇ بوستانىم .
بىلىنمىسۇن دىلدىكى ياراڭ ،
يالغۇز قۇشۇڭمەن ئۆزۈڭ ئاسمانىم .
更多>> Fargana-Alim的热门歌曲