歌手:
Fargana-Alim
专辑:
《FarganaAlim》作词 : Sanawar Abdurahman
作曲 : Mamtimin Mamut
شۇنچە مىسكىن كەلسەم قېشىڭغا ،
سورىمىغىن نىمە بولدۇڭ دەپ .
باغرىڭغا باس جىممدە پەقەت ،
يىغلاپ سالسام ئەگەر ئىسەدەپ .
سىلاپ قويغىن بىشىمنى ئاستا ،
غايىپ بولسۇن غېرىپسنىشىم .
ئوخشاپ قالدىم بىچچارىلەگە،
مىھرىڭ ئىللىق دىلكەش سۆيگۈنۈم .
دەت پىغانىم تېشىپ تۇرسىمۇ ،
ھېشنىمىنى دىگۈم يوق ساڭا .
پەقەت ھەمرا بولغىن يىنىمدا ،
تەشۋىشلىنىپ قارىما ماڭا .
قارىمىغىن كۆزلىرىمگىمۇ ،
ئۇ ھەممىنى ئېيتىپ قويمىسۇن .
كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى دەيدۇ ،
يۇشۇرغىنىم ئايان بولمىسۇن .