歌手:
Fargana-Alim
专辑:
《FarganaAlim》 作词 : Chimengul Awut
作曲 : Jurat Tursun
编曲 :Jurat Tursun
گۈل بىلەن تەڭ نەپەس ئالغىن قۇش بىلەن تەڭ سايرىغىن .
سەيىر ئەتكىن باغلىرىمنى مەيىن شامالدەك يايرىغىن .
چاكچاك بولغان يۈرەكنى پەيمانە ئەيلەي سەن ئۈچۈن ،
بۇ ھايات تەلقىنلىرىدە ئاقىل ناداننى ئايرىغىن .
♪ ♪ ♪
كۆزيېشىم ھەقداسىغا يۇلدۇزلىرىمنى چۆلتۈرەي ،
ساچلىرىم بوستانىدىن قۇندۇزلىرىڭنى تۆكتۈرەي …
ئاشىغى سەرگەشتە جانىڭ بىر كۈن غېرىپ بولسا ئەگەر ،
ئىككلەنمەي كەل يىنىمغا مىڭ يىل ئۆزۈملا مۆكتۈرەي .
♪ ♪ ♪
داغۇ ھىجران چۆلىدە يالغۇز كىيكمەن بىر ئۆزۈم ،
يوللۇرۇڭغا تەلمۈرۈپ تالدى ئاھ يۇم - يۇم كۆزۈم …
نە قىلاي ؟ نەدىن سوراي ؟ قەددى چىنارىم بەر خەۋەر ،
ئىشقى پىراقىڭ رەنجىدە زەپىران بولدى يۈزۈم .
ئىككىلەنمەي كەل يىنىمغا مىڭ يىل ئۆزۈملا مۆكتۈرەي ،
نە قىلاي نەدىن سوراي قەددى چىنارىم بەر خەۋەر .