歌手:
Tursunjan Abdulla 吐尔逊江
专辑:
《نىشانىم》作词 : مەمەتئىمىن سىدىق
作曲 : ئالىمجان ئابدۇللا
تولۇپ تاشقان ئىشەنچىم بار،
يانالماسمەن نىشانىمدىن.
ۋاقىت چەكلىك نىشان ئالى،
پۇشايمان يوق پىلاندىن،
تەۋرەنمەس مېنىڭ نىشانىم
راۋاج تاپماس ئاسايىشلىق،
ئامانلىق ھەم ئېسەنلىكلەر.
بىخۇدلۇقتا بېسىپ ياتسا،
رىيا ئىللەت كېسەللىكلەر،
تەۋرەنمەس مېنىڭ نىشانىم
ئىلىم چەكسىز ئۆمۈر قىسقا،
تىرىشماقلىق نىشانىمدۇر.
داۋان چوققا توسار بولسا،
قېرىشماقلىق ئېلانىمدۇر.
ئاياپ جاننى مۇشەققەتتىن،
نىشانغا يەتمىكىم تەستۇر.
تىرىشماستىن ھۇزۇر ئىزدەپ،
ھەقىقىي كۈلمىكىم تەستۇر،
كەچمەيمەن سەندىن نىشانىم.
چىدام غەيرەت سەبىر قىلماق،
زۆرۈر ھەر ئىشتا ھەر ئويدا،
جاپادىن ئۆزگە ھەم نەپسىم،
يۈرەر قەستىمدە ھەر كويدا،
كەچمەيمەن سەندىن نىشانىم.
بېخۇدلۇقتا بېسىپ ياتسا،
رىيا ئىللەت كېسەللىكلەر،
تەۋرەنمەس مېنىڭ نىشانىم.
ئىلىم چەكسىز ئۆمۈر قىسقا،
تىرىشماقلىق نىشانىمدۇر
داۋان چوققا توسار بولسا،
قېرىشماقلىق ئېلانىمدۇر.
شېرىن ئويلار بولۇپ ئەمما،
ئەمەلدە بولمىسام جۇشقۇن.
بېسىپ قۇيرۇقنى قۇم بارخان،
يانالماسمەن بولۇپ ئۇچقۇن