歌手:
Ablikim Ablimit
专辑:
《(美人鱼)则拉拉·阿卜力克木》作词 : Ablikim Ablimit
作曲 : Ablikim Ablimit
بېلىق قىز
مەن بىر بېلىق قىز ، يۇرتۇم كەڭ دېڭىز .
ئوينايمەن ھارماي ، قىرغاققا بارماي .
دوستلىرىم بىلەن كەتسەم يىراققا
يىغلايدۇ ئاپام مېنى تاپالماي .
مەن بىر بېلىق قىز ، ئۆزۈم بەك كەپسىز .
سۇدا ياشايمەن ، سۇدا ئۇخلايمەن .
يىراق قىرلاردا زادى نىمە بار ؟
ئۇچقان قۇشلاردىن شۇنى سورايمەن .
بېلىق ، بېلىق قىز .
بەكمۇ سىرلىق قىز .
ئۈزىدۇ ئىتتىك
ئۆزى يىنىك قىز .
دېڭىزدا ئۆيى .
چىقمايدۇ ئۈنى .
شۇنچىلىك گۈزەل
يۇلتۇزلۇق تۈنى .
گۈزەل دېڭىزغا ، مەن ئەجەپ ئامراق .
گويا بىر دۇنيا ، شۇنچىلىك قايناق .
مېھرىم بار كۆكتە كۈلگەن قۇياشقا
چىقاي دېسەممەن ئارلىقىم يىراق .