歌手:
Ablikim Ablimit
专辑:
《Leyli Yar》作词 : Ablikim Ablimit
作曲 : Ablikim Ablimit
لەيلى يار
يارىم يۈزۈڭ ئايدىن گۈزەل ،
يۈزلىرىڭگە زارىڭمەن .
كۆزۈڭ جانىم ئاندىن گۈزەل ،
ئىنتىزارىڭمەن .
سەنسىزجانىم كۆڭلۈم كۆنمەس …
كەپسىزيۈرەك سۆزۈمگە كىرمەس.
تۈنلەردىكى بىقارارىڭمەن.
نىگاھلىرىڭ چۈشۈمدە ،
پىراقلىرىڭ كۈيۈمدە.
ھەسرەتلىرىڭ كۆزۈمدە،
پەقەتلا سەن كۆڭلۈمدە .
لەيلى لەيلى لەيلى يار ،
ساڭاقاراپ كۆزۈم تويماس .
لەيلى لەيلى لەيلى يار ،
سەنسىزبەختىم ھېچ ئىچىلماس.
سىنى كۈتمەكتۇر قارارىم ،
ساڭا ئاشىق يارىڭمەن .
يامان كۆزدىن سىنى ئاسراپ،
تىل تۇمارىڭمەن .
يەتكۈچە ۋەسلىڭگە يارىم ،
سىنى كۈتمەي يوق ئامالىم.
ئىشەن ئۆمۈرلۈك ۋاپادارمەن
ناخشام كۆڭۈل ئىزھارىم ،
سەندە كۆڭۈل باھارىم .
بۇ مىنىڭ ئىلتىجارىم ،
يەتمىسۇن يارئۇۋالىم .