Hayranman&不知所以
Hayranman&不知所以
歌手:Bahtiyar-Tayir
专辑:《Hayranman&不知所以》

作词 : Hasanjan tiliwaldi
作曲 : Bahtiyar-Tayir
كۆيۈشكەندە تەڭ كۆيۈپ يار كۆڭلىڭنى ئالغانمەن
ئاشۇ غەمسىز كۈنلەردە سېنىڭ بىلەن قالغانمەن
ئايرىلمايمىز دەپ ئويلاپ ساڭا مەپتۇن بولغانمەن
ئەمدىلىكتە مېنىڭدىن تانغىنىڭغا ھەيرانمەن
بىز تونۇشقان چاغلاردا يېگەن ئىدىم غېمىڭنى
بىر ئۆمۈرلۈك يار بىلىپ كۈتكەن ئىدىم مىھرىڭنى
يىللار ئۆتتى، ئاي ئۆتتى بىلەلمىدىم سىرىڭنى
باشتا قىلغان ۋەدەڭدىن يانغىنىڭغا ھەيرانمەن
مۇزىكا
سېنىڭ ئۈچۈن زار بولغان يۈرىكىمنى چۈشەنمەي
بەخت ئۈچۈن تەڭ باسقان قەدەملەرگە ئىشەنمەي
سېغىنساممۇ ھىدىڭنى يېنىمغىمۇ بىر كەلمەي
مەندىن شۇنچە يىراقلاپ قاچقىنىڭغا ھەيرانمەن
مۇزىكا
كۆيۈشكەندە تەڭ كۆيۈپ يار كۆڭلىڭنى ئالغانمەن
ئاشۇ غەمسىز كۈنلەردە سېنىڭ بىلەن قالغانمەن
ئايرىلمايمىز دەپ ئويلاپ ساڭا مەپتۇن بولغانمەن
ئەمدىلىكتە مېنىڭدىن تانغىنىڭغا ھەيرانمەن

更多>> Bahtiyar-Tayir的热门歌曲