Bilamsan&你知道吗
Bilamsan&你知道吗
歌手:Bahtiyar-Tayir
专辑:《Bilamsan&你知道吗》

作词 : Bahtiyar-Tayir
作曲 : Bahtiyar-Tayir
تالاي تالاي كېچەلەر بولدۇم بىدار ئۇيقۇدىن
يوللىرىڭدا كۆزلىرىم تالغىنىنى بىلەمسەن
كۈتۈشلەرگە يەم بولۇپ ئۆتتى كۈنۈم ئارماندا
ھىجران مېنى قوينىغا ئالغىنىنى بىلەمسەن
تالاي تالاي كېچەلەر بولدۇم بىدار ئۇيقۇدىن
يوللىرىڭدا كۆزلىرىم تالغىنىنى بىلەمسەن
كۈتۈشلەرگە يەم بولۇپ ئۆتتى كۈنۈم ئارماندا
ھىجران مېنى قوينىغا ئالغىنىنى بىلەمسەن
بىلەمسەن يار بىلەمسەن، ئالغىنىنى بىلەمسەن
بىلەمسەن يار بىلەمسەن، تالغىنىنى بىلەمسەن
مۇزىكا
گۈللەر سۇلدى ھالىمغا، باغدا بۇلبۇل بىناۋا
ئاھۇ ھەيران تاغدىكى ئازارىمغا بىلەمسەن
سېنى ئەبەد كۈتەرمەن يار، كۆزۈڭدىن يۈتەرمەن
سەن قالىسەن بىر كۈنى ئۇۋالىمنى بىلەمسەن
بىلەمسەن بىلەمسەن، ئۇۋالىمغا يىتەمسەن
بىلەمسەن بىلەمسەن، ئۇۋالىمنى بىلەمسەن
مۇزىكا
سېنى توۋلاپ ئۈنلىرىم، پۈتتى بىراق كەلمىدىڭ
خۇشاللىقىم كۈلكەمنىڭ، يۈتكىنىنى بىلەمسەن
زار ئەتمىگىن يولۇڭغا، خار ئەتمىگىن قولۇڭدا
سېنى مەندەك بىرسىنىڭ كۈتكىنىنى بىلەمسەن
بىلەمسەن يار بىلەمسەن، كۈتكىنىنى بىلەمسەن
بىلەمسەن يار بىلەمسەن، كۈتكىنىنى بىلەمسەن

گۈللەر سۇلدى ھالىمغا، باغدا بۇلبۇل بىناۋا
ئاھۇ ھەيران تاغدىكى ئازارىمغا بىلەمسەن
سېنى ئەبەد كۈتەرمەن يار، كۆزۈڭدىن يۈتەرمەن
سەن قالىسەن بىر كۈنى ئۇۋالىمنى بىلەمسەن
بىلەمسەن بىلەمسەن، ئازارىمنى بىلەمسەن
بىلەمسەن بىلەمسەن، ئۇۋالىمنى بىلەمسەن
بىلەمسەن، بىلەمسەن، ئازارىمنى بىلەمسەن
بىلەمسەن،بىلەمسەن، باغرىم تولدى بىلەمسەن
بىلەمسەن،بىلەمسەن، باغرىم تولدى بىلەمسەن

更多>> Bahtiyar-Tayir的热门歌曲