歌手:
Ablajan Awut Ayup
专辑:
《Shahzade \ The Prince 王子》 作词 : Ablajan Awut Ayup
作曲 : Ablajan Awut Ayup
ئانا يۇرت
قەشقەر، خوتەن، ياركەنىت، تۇرپان،
ئۈرۈمچى، غولجا.
ئاتۇش، قۇمۇل، ئاقسۇ،ئالتاي،
كورلا ۋە كۇچا.
ئانا يۇرتۇم سەن بۇ دۇنيادىكى،
ئەڭ گۈزەل ماكان.
گويا پاتماس قۇياشتەك چەكسىز،
مېھىرگە تولغان.
ئەلمىساقتىن بوۋام قىلدى گۈلىستان ھارماي،
يەنە مەڭگۈ قىلار داۋام ئۈزۈلۈپ قالماي.
يۇرتۇم ساڭا ۋۇجۇدۇمدا چەكسىز مۇھەببەت،
پەخىرلىنىش، ئاسراپ سۆيۈش داۋام تائەبەت.
دۇئا قىلاي، ئەجىر قىلاي تۆكۈپ تەر مېھنەت،
ئانا يۇرتۇم ئۆز پەرزەنتىڭمەن بۇ سۇنماس ھەقىقەت.
يۈسۈپ، مەھمۇد پەرزەنتىڭ، پەخرىم،
مەھكەم يادىمدا.
تالاي باتۇر مەرد قەھرىمانلار،
ئۆتكەن قوينۇڭدا.
سەن شاھىت ئۆتمۈشكە ئۇ ئەمەس ئېز-دىرەكسىز،
ئۇل جىسمىڭدا بار تىلسىمات تۈگىمەس-چەكسىز.
يۇرتۇم ساڭا ۋۇجۇدۇمدا چەكسىز مۇھەببەت،
پەخىرلىنىش، ئاسراپ سۆيۈش داۋام تائەبەت.
دۇئا قىلاي، ئەجىر قىلاي تۆكۈپ تەر مېھنەت،
ئانا يۇرتۇم ئۆز پەرزەنتىڭمەن بۇ سۇنماس ھەقىقەت
Music....
سۇتۇق بۇغرا ئوغۇز روھى
سىڭسۇن چېڭ بىزگە.
ئۈمىد، ئىشەنىچ، ئۆملۈك، غەيرەت
بولسۇن خۇي بىزگە.
قېرىنداشلار قول بەرگىن دۇرۇس،
ھەمراھ قىل كۈلكە.
تىرىشايلى، ئۇيىشايلى يار بولۇپ،
بىر-بىرىمىزگە.
بىز قۇچقان زەپەر ئانا يۇرتىمىزغا جاۋاپ،
پەرزەنىت يىتىلسۇن بىزگە ھەۋەس بىلەن قارپ
يۇرتۇم ساڭا ۋۇجۇدۇمدا چەكسىز مۇھەببەت،
پەخىرلىنىش، ئاسراپ سۆيۈش داۋام تائەبەت.
دۇئا قىلاي، ئەجىر قىلاي تۆكۈپ تەر مېھنەت،
ئانا يۇرتۇم ئۆز پەرزەنتىڭمەن بۇ سۇنماس ھەقىقەت
يۇرتۇم ساڭا ۋۇجۇدۇمدا چەكسىز مۇھەببەت،
پەخىرلىنىش، ئاسراپ سۆيۈش داۋام تائەبەت.
دۇئا قىلاي، ئەجىر قىلاي تۆكۈپ تەر مېھنەت،
ئانا يۇرتۇم ئۆز پەرزەنتىڭمەن بۇ سۇنماس ھەقىقەت
ئانا يۇرتۇم ئۆز پەرزەنتىڭمەن بۇ سۇنماس ھەقىقەت
بۇ سۇنماس ھەقىقەت