Bugun 2
Shahzade \ The Prince 王子
歌手:Ablajan Awut Ayup
专辑:《Shahzade \ The Prince 王子》

作词 : Ablajan Awut Ayup
作曲 : Ablajan Awut Ayup
بۈگۈن 2
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ



1.كۇبلىت :
مۇزىكا ياڭرىدى قايتىدىن،
سالدى مېنى ھاياجانغا.
مىكرافۇننى ئالدىم مەن قولۇمغا،
چۈشتۈم لەرزان ئۇسسۇلغا.

بىلىمەن،بىلمەسكە سالىسەن،
قەستەن پەرۋا قىلمايسەن.
كۆيىمەن شۇ نازۇك خۇيۇڭغا،
تىخىمۇ ئوماق كۆرىنىسەن.

ئۆتۈشمە:
ناخشامنىڭ سىھرى شۇ قەدەر سىرلىق چەكسىز،
كۆزۈڭ تەسىلىم بولىىدۇ ئامالسىز شەرتسىز.
كۆڭلۈڭدە ئىككىلىنىش كەيپىياتىڭ رەتسىز،
بولدى ئىتىراپ قىل بۈگۈن كەل،كەل،كەل.

قايتارما :
بۈگۈن،
بىلدۈرىمەن سۆيگۈمنى بويسۇندۇرۇپ كۆڭلۈڭنى،
ماڭا،
كۆنۈپ،كۆيۈپ قالىسەن ئاستا-ئاستا

تاتلىق گۈزەل قىز،
مەن ساڭا مەستانە،
تاتلىق گۈزەل قىز،
ئەتراپىڭدا پەرۋانە.
تاتلىق گۈزەل قىز،
مىنى كۆرمە زىيادە.
تاتلىق گۈزەل قىز،
قويما يالغۇز يىگانە.


كۇبلىت :
قاچمىغىن،ھەم ئاۋارە بولمىغىن،
بولدى قىل مېنى توسمىغىن.
يوشۇرۇپ كۆڭلۈڭنىڭ مەيلىنى،
ئۆزۈڭنى قىينىمىغىن.

2-ئۆتۈشمە :
يۈرىسەن قاچانغىچە مەن بىلەن شۇنداق،
كىتەلمەيسەن ھەم مىنى تاشلاپلا بىراق.
ماڭا مەنسۈپ بولۇشىڭغا قالمىدى ئۇزاق،
بولدى كۈتىۋەرمەي ئەمدى كەل كەل كەل.


更多>> Ablajan Awut Ayup的热门歌曲