歌手:
Ablajan Awut Ayup
专辑:
《Ghemkin 忧愁》 作词 : Ablajan Awut Ayup
作曲 : Ablajan Awut Ayup
مەيىن شامالدىن پۇرىدىم ھىدىڭنى
ئەسلەتتى قايتا ماڭا ئازابىمنى
ئۇنتۇشقا ئامالسىزمەن ئەي گۈزەل قىزچاق
ئېچنېمەن ئويلاپ گۈدەكلىكىمنى
چۈشەندۈرگۈم بار لېكىن
جۈرئەت يوق ھالىم مىسكىن
كۈنۈم يوقتۇر ئۆتكەن خۇشال
بولىدۇم بىچارە غەمكىن
زادى ئۇنۇتالمىدىم مېھرىڭنى ئەسلا
مەن چىن سۆيگۈڭگە تەشنا
ئۆزۈمنى يالغۇز چۆل-جەزىرىدە سەزدىم
قايتا قايتا خاتىرەمنى كەزدىم
خاتالىقىمنى بىلدىم
ئەپسۇس،تولىمۇ كېچىكتىم
بولىسەن نامايەن كۆز ئالدىمدا
كۆز ئالدىمدا ئەمەس ئەسلى خىيالىمدا
ھېس قىلىمەن ئۆزۈمنى تۇيغۇمدا
مەن بەختلىك پەقەت سەن بىلەنلا
يوقتۇر كەلگۈسۈمدىن قىلچە ئۈمىد
ياشايمەن چىن گۈزەل ئۆتمۈش قوينىدا
گەر دېرىكىڭنى بىلسەم بىركۈنى
مەن تەييار قەيەر بولسۇن بېرىشقا