歌手:
Aliya Mamut
专辑:
《Keqalmaywatiman》作词 : yakupjan-yasin
作曲 : Zoya-Amat本人
编曲 : Mardan Turghun
كىچەلمەيۋاتىمەن
بىر دەردىم بار دىيەلمەيۋاتىمەن
نە سەۋدا بۇ بىلەلمەيۋاتىمەن
چىن ئاشىقنىڭ كۈلمىكى تەسكەن
زورلىساممۇ كۈلەلمەيۋاتىمەن
مۇزىكا
يۈرەك خالاپ تۇرسىمۇ ئۇنى
ياندا تۇرسا سۈيەلمەيۋاتىمەن
قىينالدى جان تەشۋىش ئىلكىدە
كىتەلمەي يا كىچەلمەيۋاتىمەن
مۇزىكا
غۇرۇر نەچچە ئازار يىسىمۇ
لىكىن ئۈمۈت ئۈزەلمەيۋاتىمەن
ئاشىق كوركەن گاھىدا گاسكەن
بىلىپ تۇرۇپ كۈنەلمەيۋاتىمەن
مۇزىكا
بىرىدىن باشقا ھەممە نەرسەم تەل
لىكىن ئۇ سىز كۈلەلمەيۋاتىمەن
قاۋاق ماكان باغرىم لەختە قان
مەجنۇن كەبى ياشاۋاتىمەن