Toyname(新婚之歌)
Toyname(新婚之歌)
歌手:Rozijan Erkin
专辑:《Toyname(新婚之歌)》

作词 : Halikning
作曲 : Halikning
توينامە
تەبرىك ئىتىپ يارىيار قىنى كىلىڭ ئىككى ياش
قىزى يىپىپتۇ ئاي يۈزىنى سۇمبۇل چاشلىق قەلەمقاش
يۈزلىرىدە تەبەسسۇم لەۋلىرىدە شات كۈلكە
قول تۇتۇشۇپ ئىككى ياش بىرگە ئۆتسۇن مەڭگۈگە
مۇبارەكلەپ بۇ توينى ياڭرار ئۇسۇل پەدىسى
ئاشتى بۈگۈن ئەمەلگە ئىككى ياشنىڭ ۋەدىسى
مۇبارەكلەپ بۇ توينى ياڭرار ئۇسۇل پەدىسى
ئاشتى بۈگۈن ئەمەلگە ئىككى ياشنىڭ ۋەدىسى
كىلىڭ دوسلا مەرھەمەت توي مەرىكە باشلاندى
قول ئىلىشىپ ئىككى ياش يىڭى قەدەم باشلاندى
تەبرىكلەپ كەلدى بۈگۈن ئوتتۇز ئوغۇل قىرىنداش
ھۆرمەتلىشىپ شات كۈلۈپ بىللە بولسۇن ئىككى ياش
مۇبارەك بولسۇن تويۇڭلا بۈگۈن
ئەمەلگە ئاشتى ئارزۇ ئارمانلا
مۇبارەك بولسۇن تويۇڭلا بۈگۈن
شاتلىققا تولسۇن كۆڭۈللە بۈگۈن
ئەمەلگە ئاشتى ئارزۇ ئارمانلا
سۆيگۈ ئىلكىدە يايرىسۇن دىللا
سۆيگۈ ئىلكىدە يايرىسۇن دىللا
كىلىڭ دوسلا ئويناڭلا ئىككى ياشقا قاراڭلا
دىللا كۈلۈپ ئىچىلسۇن توي ناخشىسى ئېيتىلسۇن
ئىككى يۇلتۇز ئىككى ياش بىر تەككىگە قويدى باش
قۇتلۇق بولسۇن تويۇڭلا مەڭگۈ بىللە بولۇڭلا
مۇبارەك تويۇڭلا مۇبارەك
ياشلىقنىڭ سازىنى چېلىڭلا
ھاياتتا دوس بولۇپ قىلىڭلە
ئوت بولۇپ يانىدۇ يۈرەكلە
ئېيتىلسۇن سىلە ئۈچۈن تىلەكلە
يارىيار توي نامە
يارىيار كۈي نامە
مۇزىكا
ئىككى ياشىنىڭ شەنىگە ياڭرىماقتا توينامە
بەخت تىلەپ كۈي تىلەپ ئېيتىلماقتا توينامە
ياشلىقنىڭ سازىنى چىلىڭلا
ھاياتتا دوس بولۇپ قىلىڭلە
ئوت بولۇپ يانىدۇ يۈرەكلە
ئېيتىلسۇن سىلە ئۈچۈن تىلەكلە
يارىيار توي نامە
قوش مۇبارەك تويى بۈگۈن ئىككى ياشنىڭ
سۆيگۈ رىشتى مەڭگۈ تۇتاش قەلىپداشنىڭ
قوش مۇبارەك تويى بۈگۈن ئىككى ياشنىڭ
سۆيگۈ رىشتى مەڭگۈ تۇتاش قەلىپداشنىڭ
بەختى ئوڭكەن پىشانىسى زەپ ئوچۇقكەن
ئاشىق يىگىت مەشۇق پەرى قەلەمقاشنىڭ
بەختى ئوڭكەن پىشانىسى زەپ ئوچۇقكەن
ئاشىق يىگىت مەشۇق پەرى قەلەمقاشنىڭ
ئايدەك پەرى كىلىن بولدى قىزىم دەسىز
مىھرى ۋاپا بىلەن يورۇق يۈزۈم دەسىز
قوش مىغىزدەك بىللە ئۆتسە قىزىم ئوغلۇم
تامچە شەبنەم كۆرمەس بىر جۈپ كۆزۈم دەسىز
ئامان بولسۇن توي ئوينىغان يايرىغانلا
بەختى نورۇز ئاپتىۋىدەك پارلىغانلا
مۇزىكا
سىزمۇ ئاتا كىيئوغۇلنى ئوغلۇم دەسىز
كۆڭلۈم ئەمىن تاپتى ياشنار ئۆمرۈم دەسىز
سىزمۇ ئاتا كىيئوغۇلنى ئوغلۇم دەسىز
كۆڭلۈم ئەمىن تاپتى ياشنار ئۆمرۈم دەسىز
قوشمىغىزدەك بىللە ئۆتسە قىزىم ئوغلۇم
ئىپار چاچقاي ئارزۇ ئارمان گۈلۈم دەسىز
قوشمىغىزدەك بىللە ئۆتسە قىزىم ئوغلۇم
ئىپار چاچقاي ئارزۇ ئارمان گۈلۈم دەسىز
ئامان بولسۇن توي ئوينىغان يايرىغانلا
بەختى نورۇز ئاپتىۋىدەك پارلىغانلا
ئامان بولسۇن توي ئوينىغان يايرىغانلا
بەختى نورۇز ئاپتىۋىدەك پارلىغانلا
更多>> Rozijan Erkin的热门歌曲