歌手:
Cholpan Yunus桥丽拜
专辑:
《Kaqur Ata Anijan》作词 : Cholpan Yunus桥丽拜
作曲 : Cholpan Yunus桥丽拜
ئەگەر كەچۇرۇم سورادىسەڭ
ئانامدىن سورايمەن ؟
قارا ساچىنى ئاق قىلغانلىقىم ئۈچۈن .
ئەگەر كەچۈرۈم سورادىسەڭ
ئاتامدىن سورايمەن.
تىك قامىتىنى يا قىلغانلىقىم ئۈچۈن .
ئىتەك ، ئىتەك ، پەرزەنىت بېقىپ ، خوۋلۇق كۆرمىدىڭ ،
كاللەك كاللەك دۇنيا تېپىپ ھوزۇر سۈرمىدىڭ .
بىزلەر ئۇچۇن بارىڭ نەتتىڭ، ئەڭلىك ئەتمىدىڭ
نى مۇشاقەت چەكسەڭمۇ گەر بىلىندۇرمىدىڭ
كەچۇر ئاتا . . . ، كەچۈر ئانىجان .
جىنىم ئانا
ھازىرلا مەن يېنىڭغا بىر بارايچۇ، چاچلىرىڭنى ،
ئۆز قولۇمدا چىرايلىق بىر تارايچۇ
جېنىم دادا ھازىرلا مەن قېشىڭغا بىر بارايچۇ 、سېنى مەنمۇ ئۆشنەمگە بىر ھاپاش قىلىپ باقايچۇ .
كەچۈر ئاتا ھازىرلا مەن قېشىڭغا بىر بارايچۇ،
بەرىكەتلىك دەستىخان سېلىپ چوڭ ئۆيدە بىر قونايچۇ .
سەن كۆيگەنتىڭ بالام دەپ
مەنمۇ كۆيدۈم بالام دەپ
گەپ ياندۇردۇق بەزىدە،
رەنجىمەيدۇ ئانام دەپ
رەنجىمەيدۇ ئاتام دەپ.
ئالدىراش بوپ نەمۇنە ،
ھايات دېگەن شۇ دېدۇق دېيەلمىدۇق
بىر تەڭگە ئالە ئاتا ئانا دەپ .