歌手:
Abduhalik-Turghun
专辑:
《Bahit Tilax- Soyalmiding》 作词 : Ali Tohti
作曲 : Ali Tohti
编曲 : Xawkat Ehsan
كۆيەكنى مەن گويا بىر دېڭىز دىسەم
سەن ماڭا باقمايلا تىز چۆكەلەمسەن؟
ۋاقىتسىز دۇنيادىن ئايرىلىپ قالسام
قەبرەمگە باش قويۇپ ، ياش تۆكەلەمسەن؟
ۋاقىتسىز دۇنيادىن ئايرىلىپ قالسام
قەبرەمگە گۈل قويۇپ ، ياش تۆكەلەمسەن؟
مەن سىنى بەخت ئۈچۈن كۈلگىنە دىسەم
كۆزۈڭ ياش تۇرسىمۇ جېنىم شوخ كۈلەلەمسەن؟
يېقىلىپ ئورنۇمدىن تۇرالماي قالسام
بۇ سېنىڭ ئەسلىڭ ئەمەس تۇر دېيەلەمسەن
يېقىلىپ ئورنۇمدىن تۇرالماي قالسام
بۇ سېنىڭ ئەسلىڭ ئەمەس تۇر دېيەلەمسەن
مۇزىكا
مەن سېنىڭ سۆيگۈڭنى ساختىدۇر دىسەم
كۆزۈمگە تىكىلىپ تۇرۇپ ياق دېيەلەمسەن
ئىككىمىز ئايرىلىپ كېتەيلى دېسەم
يۈزۈمگە كاچاتلاپ ياق دېيەلەمسەن؟
ئىككىمىز ئايرىلىپ كېتەيلى دېسەم
يۈزۈمگە كاچاتلاپ ياق دېيەلەمسەن؟
ئارمېنىم سەن بىلەن بىرگە ياشىسام
كۆز يۇمسام قەبرەڭگە يانمۇ يان ياتسام
تەن باشقا بولسىمۇ بىر جان ئەمەسمۇ
چىدىمايمەن جېنىم سەندىن ئايرىلسام
تەن باشقا بولسىمۇ بىر جان ئەمەسمۇ
چىدىمايمەن جېنىم سەندىن ئايرىلسام
چىدىمايمەن جېنىم سەندىن ئايرىلسام