Yaxisun
Allmira
歌手:Allmira
专辑:《Allmira》

يۆلەكسىزنى يۆلىگەنلەر ياشىسۇن
يۆگەكسىزنى يۆگىگەنلەر ياشىسۇن
ئۆزى ئالماي گۆھەر ياغسا ئاسماندىن
ئەلگە يامغۇر تىلىگەنلەر ياشىسۇن
ئۆزى ئالماي گۆھەر ياغسا ئاسماندىن
ئەلگە يامغۇر تىلگەنلەر ياشسۇن
سۇغارغاندەك سايە بەرگەن چىنارنىڭ
ئاتا قەرزى تۆلىگەنلەر ياشىسۇن
سۇغارغاندەك سايە بەرگەن چىنارنىڭ
ئاتا قەرزى تۆلىگەنلەر ياشىسۇن
ئېتى ھارسا ئانا چۈشكەن ھارۋىنىڭ
ئۆزى ئات بوپ سۆرىگەنلەر ياشىسۇن
ئېتى ھارسا ئانا چۈشكەن ھارۋىنىڭ
ئۆزى ئات بوپ سۆرگەنلەر ياشسۇن
ئۆزگىلەرنىڭ بەختى ئۈچۈن دەرت تارتىپ
ئۆزى راھەت كۆرمىگەنلەر ياشىسۇن
يوقسۇزلىقتا ئوتى ئۆچكەن يالغۇزنىڭ
ئوچىقىنى پۈۋلىگەنلەر ياشىسۇن
ئۇنتۇلمىسۇن ئارمان بىلەن كەتكەنلەر
ئۈمۈدلىرى ئولمىگەنلەر ياشىسۇن
ئۇنتۇلمىسۇن ئارمان بىلەن كەتكەنلە
ئۈمۈدلىرى ئولمىگەنلەر ياشىسۇن
ئۈمۈدلىرى ئولمىگەنلەر ياشىسۇن
更多>> Allmira的热门歌曲