Avare bolma(希望你别后悔)
Avare bolma(希望你别后悔)
歌手:Heyyar
专辑:《Avare bolma(希望你别后悔)》

作词 : Heyyar
作曲 : Heyyar/Mr.Perman/Wahap
编曲 : Mr.Perman
后期制作人:Mr.Perman
封面:Dhino
ئويلايمەن سېغىنىشتا ئۆتكەن مۇھەببەتنى
قالدۇردۇڭ نە سەۋەب ئاچچىق جاراھەتنى
ھېچقاچان ئالدىمىدىم ۋەدىلەر چىن دەپ
ئىشەنسەڭ كۆرەتتىڭ سۆيگۈمىز تائابەتتى
ھىجرانىم قىينار مېنى ھەر بىر ناخشامدا
ئەسلىمە ئىچىدە مەن ئايدىڭ ئاخشامدا
چوغ سېلىپ يۈرۈگۈمگە نەلەرگە كەتتىڭ
يىگانە كۆيىمەن ھىجران ئوتۇڭدا
Hock:
ئاۋارە بولما ، جىق ئويلىما
سەنسىز ئۆتەر كۈنلىرىم يالغۇزلۇقتا
ئازابلانما ،قايرىلغاندا
كېرەك ئەمەس بۇ سۆزۈڭ ئايرىلغاندا
Melody
كۆزلىرىڭ قىيمايدۇ ، ئايرىلىش قىينايدۇ
بۇ تەقدىر سىنايدۇ كۆنمىسەك بولمايدۇ
سەنسىزمۇ كۆنۈپ كەتتىم بۇ ئۇزۇن يوللارغا
باغلىيالماي كەتتۇق بەخىتنى قوللارغا
Melody
تېشى گۈزەل بىر سىمايە ،ئىچى ئاچچىق مىڭ بىر ھېكايە
تىرىشتىم جۇلدۇقۇم چىققۇچە قايتۇرغىنى مىڭ بىر كىنايە
ئارىلىقىمىز مىڭ قەدەم بىر قەدەمگىمۇ ئېرىنىۋاتقان
مەشۇق ئۈچۈن ئاشىق يۈرىكى مىڭ يەردە مىڭ بىر ھىمايە
كۆرگىنى بىلگىنىدەك ئەمەس
ئېرىشكىنى كۈتكىنىدەك ئەمەس
بولسىمۇ كۈتۈشنى تاللىدى قىلمىدى مىڭ يەردە مىڭ بىر شىكايەت
بەلكىم گۆدەكتە بولۇپتۇ بىر كۈنى بىلىدۇ دېگەن تەسەللىي
زەررىچە داۋا ئەيلىگەن بولسا ھەر بەدەل چاغلىق كىرايەت
بەدەل تۆلىشى تۆلىدۇق لېكىن ئېلىپ كېلەلمىدى بەخت
قولۇمدىن كېلىشىچە تىرىشتىم بىلسەڭ بوپتىمۇ خۇشاللىقىغا رەقىپ
مەن ساراڭ بولدۇم زەيدىكى گىياھنى ئەجىر بېرىپ ئايناتقىنى مەن
لېكىن تاللىغىنى تەخت بولدى مەن زەيدە ئۆز ئۆزۈمگە گەپ قىلىپ
مەن مەن ئۈچۈنلا ئېچىل دېمىگەن لېكىن مەندىن باشقىغا ئېچىلدىڭ
مەن مەن سېنى تاللىغان كۆزۈڭ ئېچىلدىمۇ ئۈششۈك ئۇردى چېچىلدىڭ
توغرا خاتالىق مەندە ئەسلىدە بىلسەم مەنسۇپ ئىكەنسەن زەيگە
بۇ يەڭگىچىسى يوق بەيگىدە كۈچەپ تىرىشىپ يارەن بوپتىمەن مەيگە
Melody
Hock:
ئاۋارە بولما ، جىق ئويلىما
سەنسىز ئۆتەر كۈنلىرىم يالغۇزلۇقتا
ئازابلانما ،قايرىلغاندا
كېرەك ئەمەس بۇ سۆزۈڭ ئايرىلغاندا
Melody
更多>> Heyyar的热门歌曲