dostum
yalhuz kaldim
歌手:elijangupur
专辑:《yalhuz kaldim》

作词 : bumaryam sabit
作曲 : elijangupur
چوڭ تۇتمىغىن ئۇنچە ئۆزۈڭنى ،
ئاڭلىغۇم يوق زەھەر سۆزۈڭنى ،
يۈزسىز دېمە ئۆرۈپ يۈزۈڭنى ،
بىلسەڭ سەنمۇ ئاددىي بىر ئىنسان .
كىبىرلىكتە ياشاپ ئۆتمىگىن ،
شۇ سەۋەپتىن ئاچچىق يۈتمىگىن ،
مەندىن ئارتۇق دۇنيا كۈتمىگىن ،
بىلسەڭ سەنمۇ ئاددىي بىر ئىنسان .
نەزەر سالغىن ماڭغان يولۇڭغا ،
ئىشەنچ قىلما تاپقان پۇلۇڭغا ،
مەغرۇرلانما قاتقان بويۇڭغا ،
بىلسەڭ سەنمۇ ئاددىي بىر ئىنسان .
مېھىر بەرگىن مىسكىن دىللارغا ،
ھۆرمەت بىلدۈر كۆرسەڭ چوڭلارغا ،
ئىز قالدۇرغىن ئۆتكەن يىللارغا ،
بىلسەڭ سەنمۇ ئاددىي بىر ئىنسان .
ئەۋلادلارغا قالدۇر ياخشى نام ،
ياخشى ئىشنى قىلدۇرغىن داۋام ،
ھاياتىمدىن يۈتمە سەن تامام ،
بىلسەڭ سەنمۇ ئاددىي بىر ئىنسان .
歌词贡献者:AbduSaLaM Sulayman
更多>> elijangupur的热门歌曲