歌手:
elijangupur
专辑:
《parizod》作词 : 无
作曲 : 无
زامانىمىزنىڭ قىزلىرى .
خۇمار خۇمار كۆزلىرى .
خۇمار خۇمار كۆزلىرى .
ئانارغا ئوخشاش يۈزلىرى .
زامانىمىزنىڭ قىزلىرى .
ماڭا لايىق كەلمەيدۇ .
ئوت يېقىشنى بىلمىسە ؟
مال بېقىشنى بىلمىسە ؟
نان يېقىشنى بىلمىسە ؟
ماڭا لايىق كەلمەيدۇ .
ئوتۇن تېرىپ قۇچاققا .
ئوت ياقمىسا ئوچاققا ؟
ئوخشاپ قالسا قونچاققا .
ماڭا لايىق كەلمەيدۇ .
چىلەك قويۇپ بېشىغا .
چىداپ قىشنىڭ سوغۇقىغا .
ئۈلگۈرمىسە ئىشىغا .
ماڭا لايىق كەلمەيدۇ .
ئاش ئېتىشنى بىلمىسە .
ئېيتقان ئىشنى قىلمىسا .
كىر يۇيۇشنى بىلمىسە ؟
ماڭا لايىق كەلمەيدۇ .
قەھۋەخانىدا يۈرگەن قىز .
جاھان سوراپ يۈرگەن قىز .
دائىم ئويناپ يۈرگەن قىز .
ماڭا لايىق كەلمەيدۇ .
دائىم كېلىپ يېنىمغا .
جان قوشسىمۇ جېنىمغا .
ياقمىسا گەپ ئانامغا ھەي .
ماڭا لايىق كەلمەيدۇ .