hamra bolamsan
hamra bolamsan
歌手:elijangupur
专辑:《hamra bolamsan》

作词 : bumaryam sabit
作曲 : elijangupur
دىلدىن سېغىنىپ كەلدىم يىراقتىن ،
بايان ئەيلەي كۆڭلۈمنى ساڭا .
پىنھان ئوتتا كۆيدۈم ئۇزاقتىن ،
پۇرسەت بەرگىن بىر نۆۋەت ماڭا .
قاچۇرمىغىن نىگار كۆزۈڭنى ،
ئېيتىۋالاي يۈرەك سۆزۈمنى ،
قەلبىمدىكى يىگانە گۈلسەن ،
تۇتالمىدىم شۇڭا ئۆزۈمنى .
ئۆزۈڭ ئىشچان قولۇڭ گۈل ئىكەن ،
گۈزەللىكتە مەن ئۈچۈن ئايسەن .
تەبەسسۇمدىن پارلىغان يۈزۈڭ ،
مۇھەببەتكە تويۇنغان بايسەن .
گۈللەر تىزىپ كەلسەم ئالدىڭغا ،
ئاددى كۆرمەي قوبۇل قىلامسەن .
سەنمۇ مېنى بېسىپ باغرىڭغا ،
مەڭگۈلۈككە ھەمراھ بولامسەن .
歌词贡献者:AbduSaLaM Sulayman
更多>> elijangupur的热门歌曲