Ayga Baksam
san kerak
歌手:elijangupur
专辑:《san kerak》

作词 : askar kurban
作曲 : elijangupur
ئايغا باقسام
ئەسقەر قۇربان ئىقبال
ئايغا باقسام سېنىڭ ئايدەك جامالىڭ،
زاھىر بولدى يەنە مېنىڭ ئالدىمدا.
كەچمىشلەرگە چىلاشقان چىن سۆيگىمىز،
نازلىق بېقىپ ياتار شۇچاغ باغرىمدا.
جىمىرلىدى كۆكتە سانسىز يۇلتۇزلار،
مۇڭغا پاتتى قىسىپ ئويچان كۆزىنى.
ئاي شولىسى لەرزان قېلىچ ئوينىتار،
پارە -پارەقىلىپ نىمجان تىنىمنى.
تۈن پەردىسى يېيىلغان شۇدەملەردە،
تولغاندى جان خىلۋەت غېرىپ ھۇجرىدا.
پورەكلىدى دىلدا ئاشىق ھەسرىتى،
چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ ئازاپ قوينىدا.
更多>> elijangupur的热门歌曲