San Bolgan
最新热歌慢摇99
歌手:Ghulameli Ghupur
专辑:《最新热歌慢摇99》


يېشىم دەريا ئاقارمىدى ، سەن بولغان بولساڭ
بېشىم دەرتتە قاتارمىدى ، سەن بولغان بولساڭ
كىتىپ قالدىڭ ئارقاڭغىمۇ قاراپمۇ قويماي
يارىڭ يالغۇز چانارمىدى ، سەن بولغان بولساڭ
كىتىپ قالدىڭ ئارقاڭغىمۇ قاراپمۇ قويماي
يارىڭ يالغۇز چانارمىدى ، سەن بولغان بولساڭ
(مۇزىكا)
جاۋابىڭ يوق نەچچە يازدىم خەتلەر ساڭا
ياكى يامان گەپ قىلدىمۇ خەقلەر ساڭا
يارى يوق دەپ يىتىپ كەلدى نى گەپلەر ماڭا
دۈشمەن گەپلەر تاپارمدى ، سەن بولغان بولساڭ
يارى يوق دەپ يىتىپ كەلدى نى گەپلەر ماڭا
دۈشمەن گەپلەر تاپارمدى ، سەن بولغان بولساڭ
(مۇزىكا)
سەندىن كۈتكەن شۇ ئارزۇلار بولدى بەرباد
جان قىينالدى پىراقىڭدا چېكىپ مىڭ پەرياد
ھالىم خاراب، باغرىم كاۋاب ، ئەمەستۇرمەن شاد
شادلىق مەندىن قاچارمىدى سەن بولغان بولساڭ
ھالىم خاراب، باغرىم كاۋاب ، ئەمەستۇرمەن شاد
شادلىق مەندىن قاچارمىدى سەن بولغان بولساڭ
شادلىق مەندىن قاچارمىدى سەن بولغان بولساڭ
更多>> Ghulameli Ghupur的热门歌曲