Barakat Barsun - Uyghur Version
Barakat Barsun
歌手:AirAlimjan(Alimjan Ismayil)
专辑:《Barakat Barsun》

作词 : AirAlimjan(Alimjan Ismayil)
作曲 : AirAlimjan(Alimjan Ismayil)
بەرىكەت بەرسۇن
ئۇچراشساق بىز بۇ كۈندە
قەلبلەر تولار سۆيگۈگە
چىن سۆيگۈگە تولسۇن ئالەم ، تولسۇن ئالەم
قىز يىگىتكە تىلەي ، تىلەك
يەتكەي گۈزەل ئارمانىغا
ئۈستۈڭلارغا ياغسۇن بەرىكەت
مەڭگۈ تائابەت
ھەر كۈنى ئۆتسۇن بۈگۈندەك
ناخشام بولسۇن سوۋغا
ئەجرىڭلاردىن ئۈنسۇن گۈل چېچەك
بەرىكەت بەرسۇن تويۇڭلارغا ،ھايات يولۇڭلارغا
تۇيۇڭلارغا ياغدۇرسۇن بەرىكەت،
بەرىكەت بەرسۇن تويۇڭلارغا ھايات يولۇڭلارغا
ئۆيۈڭلارغا تولدۇرسۇن بەرىكەت
ئەمدى بولدۇڭلار ، بىر روھ بىر تەن
ئۇرۇن بىرىپ قەلىب تۆرىدىن
سائادەتكە تولسۇن ئۆيۈڭلار تولسۇن ئۆيۈڭلار
پەرزەنتىڭلار بولسۇن ساغلام
ئاقلىسۇن ئۇ ئۈمىدىڭلارنى
ئۆيۈڭلاردىن چاقنىسۇن نۇرلار
بەخت قۇچىقى ئاشسۇن
سىلەرگە قاراپ،
ئاتا ئانا تىلكى بولسۇن ،
سىلەرگە مەڭگۈلۈك تېرەك.
بەرىكەت بەرسۇن تويۇڭلارغا
ھايات يولۇڭلارغا
تۇيۇڭلارغا ياغدۇرسۇن بەرىكەت
بەرىكەت بەرسۇن تويۇڭلارغا ھايات يولۇڭلارغا
ئۆيۈڭلارغا تولدۇرسۇن بەرىكەت
بەرىكەت بەرسۇن
بەرىكەت بەرسۇن
بەرىكەت بەرسۇن
بەرىكەت بەرسۇن
بەرىكەت بەرسۇن،تۇيۇڭلارغا
بەرىكەت بەرسۇن،ھايات يولۇڭلارغا
سۆيگۈڭلار ئۆچمەس بولسۇن.
سۆيگۈڭلار ئۇنتۇلماس بولسۇن.
تويۇڭلاردىن باشلانسۇن ، ھايات يولۇڭلار.
ئۇلار خۇشال بولسۇن.
ئازارلاردىن يىراق بولسۇن.
جۈپتىگە سادىق بولۇپ ، ھىممەتلەردە بىرگە بولسۇن
ئاتا ئانا ئارزۇسى بولسۇن ، سىلەرگە نىشان .
ئەجرىڭلاردىن سۈيۈنسۇن دۇنيا
بەرىكەت بەرسۇن تويۇڭلارغا
ھايات يولۇڭلارغا
تۇيۇڭلارغا ياغدۇرسۇن بەرىكەت بەرىكەت بەرسۇن تويۇڭلارغا
ھايات يولۇڭلارغا
ئۆيۈڭلارغا تولدۇرسۇن بەرىكەت
بەرىكەت بەرسۇن تويۇڭلارغا
ھايات يولۇڭلارغا
تۇيۇڭلارغا ياغدۇرسۇن بەرىكەت بەرىكەت بەرسۇن تويۇڭلارغا
ھايات يولۇڭلارغا
ئۆيۈڭلارغا تولدۇرسۇن بەرىكەت
更多>> AirAlimjan(Alimjan Ismayil)的热门歌曲