Umud
Umud
歌手:Yusupjan Adil
专辑:《Umud》

作词 : ilhamjan Muhemmed
作曲 : Yusupjan Adil
ئۈمۈد
تېكىستى: ئىلھامجان مۇھەممەت
مۇزىكىسى: يۈسۈپجان ئادىل
ئاكورتلاشتۇرغۇچى: مۇھەببەت مەمتىمىن
ئىجرادا: يۈسۈپجان ئادىل، شەپقەت ئەركىن
بەلكىم شۇ ئۈمۈدنى سەندىن ئالارمەن
ۋەياكى يولۇمدا كۈتۈپ تالارمەن
ھەتتاكى ئۈمۈدسىز بولۇپ قالارمەن
ماڭا بىر ئۈمۈد بەر بەرگىن بىر ئۈمۈد
زۇلمەتكە نۇر بەرگەن چىراقمەن چىراق
سەن كەلسەڭ ئازاپتىن بولىمەن يىراق
ھەممىنىڭ خاقانى مەندىكى پىراق
ماڭا بىر ئۈمۈد بەر بەرگىن بىر ئۈمۈد
كۈلكەڭدىن ھىجرانىم كىتىدۇ ئۆلۈپ
مىنىڭچە كىشى يوق كەلسەڭ گەر كۈلۈپ
بولمايدۇ كۆز يىشىم كەتسە تۆكۈلۈپ
ماڭا بىر ئۈمۈد بەرگىن بەرگىن بىر ئۈمۈد
پەقەتلا سەن ئۈچۈن سوققان يۈرۈكۈم
مۇھەببىتىم ھەممىنى ئۇتقان
قولۇڭنى مەھكەم تۇتقان
بىر سىنى ماڭا خۇشاللىقنى قوشقان
ئەسلەيمەن سىنى كىچە-كۈندۈز
ئويۇمدا پەقەت بىر سىنى كۈتۈش
ئۈمۈتنى بەرگىن قىشىمغا كەلگىن
يۈرۈكۈم سەن ئۈچۈن سوقىدۇ غەمكىن
رازىمەن كىلىشىڭنى كۈتۈشكىمۇ
يالغۇز مەن ئازاپتا قىلىشقىمۇ
پەقەتلا سۆيگۈڭ بولسىلا بولدى
چىدايمەن ھىجراندا يۈرۈشكىمۇ
مەن سەنسىز ھەم كۈلەلمىدىم
سەن يوق تۇرمۇشقا كۆنەلمىدىم
ئۈمۈتنى بەرگىن
كەلگىن جىنىم
ئۈمۈتنى بەرگىن
تىپىلار سۆيگۈدىن ئۆزگىسى تەكرار
پۇرسەت كۆپ كەلمەيدۇ قىلىشقا قارار
يۈرۈگۈم پەقەت بىر ساڭا ئىنتىزار
ماڭا بىر ئۈمۈد بەر بەرگىن بىر ئۈمۈد
زۇلمەتكە نۇر بەرگەن چىراقمەن چىراق
سەن كەلسەڭ ئازاپتىن بولىمەن يىراق
ھەممىنىڭ خاقانى مەندىكى پىراق
ماڭا بىر ئۈمۈد بەر بەرگىن بىر ئۈمۈد
كۈلكەڭدىن ھىجرانىم كىتىدۇ ئۆلۈپ
مىنىڭچە كىشى يوق كەلسەڭ گەر كۈلۈپ
بولمايدۇ كۆز يىشىم كەتسە تۆكۈلۈپ
ماڭا بىر ئۈمۈد بەرگىن بەرگىن بىر ئۈمۈد
مۇھەببەتتىن بەر ئۈمۈد سەن
سۆيگۈدىن بەر ئۈمۈد
كەتمىسۇن ئەقىدەم
تەقدىرىمگە كۆمۈلۈم
ھاياتىمدا بولساڭلا بولدى
باشقىسىغا كۆنمۈدۈم
ساقلايمەن كىلىشىڭنى
گۈللەرنى ئۈندۈرۈپ
新浪微博:@Rohlan
更多>> Yusupjan Adil的热门歌曲