Arliq
Arliq
歌手:新疆SPEAKER说唱
专辑:《Arliq》

作词 : Hawvas/Anyar
作曲 : nobody
MIX:Anyar
Beat:nobody
Artis:Hawvas/Anyar
Interpret:bingoxayida

V1:Hawvas
شۇ يىلى ياز پەسلى شۇ ئاۋازغا مەپتۇن بولدۇم سەۋەپسىزلا
ئالدىمغا بىر قەدەم ئېلىشىمغا بىرى باردى يېنىغا ئەدەپسىزلا
ئۆرۈلدۈم تەسەللى بىرىپلا ئۆزۈمگە بىر كىچە كۆرۈندى تورۇستا كۆزۈمگە
باراڭنىڭ تىگىدە قول ئۇزاتتىم قۇياشنىڭ نۇرىدا چاقنىغان ئۈزۈمگە
ئەتىسى كىردىم بۆلۈنگەن سىنىپقاھەيران قالدىم كۆرۈپ ئۇنىڭ جامالىنى
دەرىسمۇ قۇلىقۇمغا كىرمەيدۇ ئويلايمەئۇنى كەلتۈرۈشنىڭ ئامالىنى
گىمناستكىغا ماڭغاندا چۈشۈپ قالدى كارتىسى ئېلىپ بەردىم رەھمەت دەپ ئاستى
ئەتىسى بەرمىگەن تاپشۇرۇقۇمنى مۇئەللىمگە تاپشۇردى دەپ يازدى
شۇنىڭدىن باشلاندى ھېكايىمىز بۇ مەكتەپ ئىككىمىزگە بىركەڭ دېڭىز
ئۇخلاپ قالسام ئويغىتاتتى ،كۆزلىرىنى ئوينىتاتتى دەيتى دەرس ئاڭلاڭ place
ھەر قېتىمدا تارتىۋالاتتى تاپشۇرۇقىنى ئوغۇرلۇقچە ئېلىپ كۆچۈرۋاتسام
ھەر قېتىمدا كۆرۈپ قالىتى پارتىىغا يازغان ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۆچۈرۋاتسام
دىيىشتۇق ئالىي مەكتەپ ئىنتاھاندا بىر يەرگە ئۈتىمىز ئىمكان با
دىيىشتۇق تەڭرى ئۇۋال قىلمايدۇ چىن ئەقىدىسى بار ئىنسانغا
ئاخىرى كەلدى چاقىرىق چاقىرىق ئېلىپ كەلدى بىزگە ئاغرىق
تەسەللى بىرىشتۇق دىيىشتۇق سۆيگۈمىزنى ئايرىيالمايدۇ ئارلىق

Hook:Anyar
سىمايىڭ كەتمەس كۆز ئالدىمدىن ،
شۇنچە گۈزەل ،ئىدى شۇ ۋاقىتلار ،
كۆز ياش بۇلۇپ ،ئېقىپ كەتتى ھەممىسى ،

V2:Hawvas
ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا ئۇچامدا كاستىيۇم سىېنىڭكىدە كۆينەك
كۆزۈمگە ياش كەلدى چۈنكى بەك تەس كەلدى سەن يوق شەھەردە يالغۇز كۆنمەك
شۇ كۈنى ئاتا-ئاناڭ يولغا سالدى ئاتىغان سوۋغۇتۇم قولدا قالدى
ئىككىمىزنىڭ ھەركۈندىكى پارىڭى پەقەتلا ئېكرانىدا توردا قالدى
ئىشەنمەيتىم باشقىلار دىسە كۆزدىن يىراق كۆڭۈلدىن يىراقكەن
ئىككىمىزنىڭ مۇھاببەت دىگەن سۆزىنى قورشىۋالغىنى قوش تىرناقكەن
سورايمەن شەھىرىڭنىڭ ھاۋاسى قانداق سەن ئامراق نەرسىنىڭ باھاسى قانداق
ئۇ دەيتى شەھىرىمنىڭ ھاۋاسىمۇ ياخشى بازىرىمۇ جايىدا بەكلا قايناق
چىداپتۇق شۇنداق نەچچە ئاي تۇيدۇرمايلا قىش كەلدى
ئاجايىپ بىر ئىش كەلدى ھاراق بىلەن تولدۇرۋەتتىم ئۈستەلنى
دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى دەپ كەتكەنچە بەرمىدى ھىچ بىر خەۋەرنى
كۆڭلۈم تۇيىدى خەتەرنى مەن بىر كېچە ئىچتىم زەھەرنى
ئاخىرلاشتى ھەممىسى تۆكۈلدى بىر كېچىدە گۈلنىڭ بەرگىسى
ئويلىدىم بۇ خىل ئاخىرلىشىش دەل مۇھاببىتىمىزنىڭ «غەلبىسى»
ئايرىلدىم سېنىڭدىن ئايرىلدىم ھەممىدىن قەلبىمدە يەنىلا ئىخلاس با
بۇرۇلدۇم ئوتتۇر بارماقنى چىقىرىپ تەغدىر دىگەن ئىپلاسقا

Hook:Anyar
سىمايىڭ كەتمەس كۆز ئالدىمدىن ،
شۇنچە گۈزەل ،ئىدى شۇ ۋاقىتلار ،
كۆز ياش بۇلۇپ ،ئېقىپ كەتتى ھەممىسى ،
更多>> 新疆SPEAKER说唱的热门歌曲