Yashaysen Yureklirimde-NazarObul
Yigane
歌手:Nazar Obul
专辑:《Yigane》

作词 : Nazar Obul
作曲 : Nazar Obul
قەلبىمدە بىر ئوت بار، ئۆچمەيدۇ پەقەت
ۋىسالغا ئىمكان يوق بولسىمۇ ئەبەت
بىلىمەن يولىمىز باشقا بولسىمۇ
قىينايدۇ قەلبىمنى يەنىلا ھەسرەت
بەختىڭنى تىلەيمەن تىلەكلىرىمدە
ياشايسەن يەنىلا يۈرەكلىرىمدە
…مۇزىكا…
ھەر كىچە بىر ئۆزۈم خىيالىرىمدا
سۆيدۈم دەپ بىر ئۆمۈر قالدۇرغىنىڭ دەرت
ھىجرانىڭ دەردىدىن بولار قەلبىم
سۆيگۈمنىڭ ئورنىنى ئالالماي نەپرەت
ئۆزگىلەر باش قويغان ئىتەكلىرىمدە
ياشايسەن يەنىلا يۈرەكلىرىمدە
ئۆزگىلەر باش قويغان ئىتەكلىرىمدە
ياشايسەن يەنىلا يۈرەكلىرىمدە
…مۇزىكا…
سەن بىلەن يوقالغان مىنىڭ شاتلىقىم
ئۆمۈرلۈك داغ سالدى ئاشۇ مۇھاببەت
لىۋىمنى چىڭ چىشلەپ ياشىماقتىمەن
شۇندىنمۇ شۇ ئوتلار ئۆچمىدى پەقەت
شۇندىنمۇ شۇ ئوتلار ئۆچمىدى پەقەت
كۈل بولدى ياشلىقىم سەۋەبلىرىڭدە
ياشايسەن يەنىلا يۈرەكلىرىمدە
كۈل بولدى ياشلىقىم سەۋەبلىرىڭدە
ياشايسەن يەنىلا يۈرەكلىرىمدە
ياشايسەن يەنىلا يۈرەكلىرىمدە
更多>> Nazar Obul的热门歌曲