Yigane孤单
Yigane
歌手:Nazar Obul
专辑:《Yigane》

作词 : Nazar Obul
作曲 : Nazar Obul
يىگانە
نەزەر ئوبۇل
سۆزى، مۇزىكىسى: نەزەر ئوبۇل
ياشاپ كەلدىم بۇ رەھىمسىز كۈنلەردە
يىغلاپ كەلدىم بۇ ھېجرانلىق تۈنلەردە
كۆنەلمىدىم يوق ھېچكىم قەلبىدە
ئاتالدىم يىگانە بەندە
ئازاپ ئىچىدە ياشاش مېنىڭ قەرزىممۇ
قىسمەتلىرىم ياكى شۇنداق تەڭسىزمۇ
چىداشقا لېكىم مېنىڭ ئەمدى ئىلاجىم يوق
ئاتالدىم يىگانە بەندە
مەن ئەمەستىم يىگانە بەندە
مەن يىغلىمايتىم بۇ تۈنلەردە
مەن گۈل ئىدىم پۇراقلىق
ئاجايىپ باغلار ئىچىدە
مەن ئەمەستىم يىگانە بەندە
مەن يىغلىمايتىم بۇ تۈنلەردە
مەن گۈل ئىدىم پۇراقلىق
ئاجايىپ باغلار ئىچىدە
… مۇزىكا …
تەلمۈرەتتىم ئاشۇ گۈزەلىك ھاياتقا
ماڭسام دەيتىم غايەم ئۈچۈن ئاداققا
يالغۇز قالدىم ئەمدى كېتەي قاياققا
ئاتالدىم يىگانە بەندە
ئىچىم دەرتتە تېشىم كۈلۈپ تۇرساممۇ
بىلدۈرمەيتىم تەنھالىقتا يۈرسەممۇ
مېھىر بىلەن بىراۋلانى سۆيسەممۇ
ئاتالدىم يىگانە بەندە
مەن ئەمەستىم يىگانە بەندە
مەن يىغلىمايتىم بۇ تۈنلەردە
مەن گۈل ئىدىم پۇراقلىق
ئاجايىپ باغلار ئىچىدە
مەن ئەمەستىم يىگانە بەندە
مەن يىغلىمايتىم بۇ تۈنلەردە
مەن گۈل ئىدىم پۇراقلىق
ئاجايىپ باغلار ئىچىدە
(تېكىست تەھرىرى: ئالىمجان)
更多>> Nazar Obul的热门歌曲