歌手:
Mamtimin Mamut
专辑:
《Katma Azizam》 作词 : Mamtimin Mamut
作曲 : Mamtimin Mamut
سۆزى : قېييۇم تۇرنىڭ
موزىكىسى : مەمتىمىن مامۇتنىڭ
كېچىلەردە ئۇخلىماي زىنھار
جان بالام دەپ باققان ئانامسەن
دەريا دەريا ئىسسىق ياشلىرىڭ
يۈز كۆزۈمگە ئاققان ئانامسىەن
دىل مېھرىڭنى ئاق سۈتكە قېتىپ
ماڭا بېرىپ باققان ئانامسەن
كېچە كۈندۈز دەردىمنى تارتىپ
سەپ قاتارغا قاتقان ئانامسەن
بىر مېنىڭلا بەختىمنى ئىزدەپ
كۈندە مىڭ پال ئاچقان ئانام سەن
مېنىڭ ئۈچۈن يىغلاپ يىغىنى
يوللىرىمغا چاچقان ئانامسىەن
مېنىڭ ئۈچۈن چوغلىنىپ كۆيۈپ
يۈرەك باغرى ئاققان ئانامسەن
ماڭا ئاتاپ بارىنى تۈگەل
تالاي ئازاب تارتقان ئانامسەن