Yahxiti
Yahxiti
歌手:Nijat-Rixat
专辑:《Yahxiti》

作词 : Mutallipjan-Kawul
作曲 : Anwar-Maglik
تېكىسىت تەھرىرى :Nurselimofficial
ئازاپلارنى ئۇنتۇپ
كۈلەلىسەم ياخشىتى
سېغىنىشنى دىلىمغا
كۆمەلىسەم ياخشىتى
يۈرەك باغرىم لەختە قان
كۆنەلمىدىم ھېچقاچان
سەنسىز يالغۇز ياشاشقا
كۆنەلىسەم ياخشىتى
يۈرەك باغرىم لەختە قان
كۆنەلمىدىم ھېچقاچان
سەنسىز يالغۇز ياشاشقا
كۆنەلىسەم ياخشىتى
Music
كىتىپ قالدىڭ يىراققا
مېنى قويۇپ پىراققا
كىتىپ قالدىڭ يىراققا
مېنى قويۇپ پىراققا
تەغدىرىمگە تەن بېرىپ
ئۆتەلىسەم ياخشىتى
سەۋدايىغا ئايلىنىپ
قالدىم ساڭا باغلىنىپ
سەندىن كېچىپ ئۆزگىنى
كۈتەلىسەم ياخشىتى
سەۋدايىغا ئايلىنىپ
قالدىم ساڭا باغلىنىپ
سەندىن كېچىپ ئۆزگىنى
كۈتەلىسەم ياخشىتى
Music
يالغۇزلۇقتا قاتتى باش
كۆزلىرىمدىن ئاقتى ياش
يالغۇزلۇقتا قاتتى باش
كۆزلىرىمدىن ئاقتى ياش
مەنمۇ سەندەك باغرى تاش
بولالىسام ياخشىتى
كۈتۈپ سەندىن ساداقەت
ئېرىشكىنىم نادامەت
قېينىماستىن يۈرەكنى
ئۇنتالىسام ياخشىتى
كۈتۈپ سەندىن ساداقەت
ئېرىشكىنىم نادامەت
قېينىماستىن يۈرەكنى
ئۇنتالىسام ياخشىتى
قېينىماستىن يۈرەكنى
ئۇنتالىسام ياخشىتى
ئۇنتالىسام ياخشىتى
更多>> Nijat-Rixat的热门歌曲