歌手:
Zulmire-Mirzahmat
专辑:
《Sansizmu&没有你》 作词 : Zulmire-Mirzahmat
作曲 : Bahtiyar-Tayir
سەنسىزمۇ
♪♪♪
ياشىيالمايمەن بىر كۈنمۇ جېنىم سەنسىز دېيىشكەن
ئەمدى تەنھا ھەر كۈنى يۈرمەكتىمەن سەنسىزمۇ
ئىنسان دېگەن دۇنيادا ھەر نەرسىگە كۆنەركەن
ئەسلىمىلەر قوينىدا خۇشال يۈردۈم سەنسىزمۇ
سەن مېنىڭ بەختىم ، سەن مېنىڭ يايرىم
تاشلاپ كەتمىگىن مېنى ئامرىقىم
سەن مېنىڭ يايرىم ، سەن مېنىڭ بەختىم
بىزار بولمىغىن مەندىن نىگارىم
♪♪♪
يار سەن بىلەن بىر ئۆمۈر ئۆتسەم دەيمەن
سېنى بىر ئۆمۈر بەخىتلىك قىلسامكەن دەيمەن
بۇ مېنىڭ ئارزۇيۇم ھەم بۈيۈك ئارمىنىم
سېنى بىر ئۆمۈر يۈرەكتىن سۆيسەمكەن دەيمەن
♪♪♪
بىدار بولۇپ ئۇيقۇدىن ھەر كۈن ياشلار تۆكەتتىم
مانا ئەمدى ھەر تاڭنى كۈتەلىدىم سەنسىزمۇ
روھى چىققان ئادەمدەك دىلىم سۇنۇق يۈرەتتىم
مانا ئەمدى ھاياتنى سۆيەلىدىم سەنسىزمۇ
سەن مېنىڭ بەختىم ، سەن مېنىڭ يايرىم
تاشلاپ كەتمىگىن مېنى ئامرىقىم
سەن مېنىڭ يايرىم ، سەن مېنىڭ بەختىم
بىزار بولمىغىن مەندىن نىگارىم
♪♪♪
يار سەن بىلەن بىر ئۆمۈر ئۆتسەم دەيمەن
سېنى بىر ئۆمۈر بەخىتلىك قىلسامكەن دەيمەن
بۇ مېنىڭ ئارزۇيۇم ھەم بۈيۈك ئارمىنىم
سېنى بىر ئۆمۈر يۈرەكتىن سۆيسەمكەن دەيمەن
♪♪♪