歌手:
Sirkul
专辑:
《Bazanlar【P-R-K-D】》 作词 : Upuk/Mz
作曲 : KAMALOV
MZ
بەزەنلەر خوشال بەزەنلەر غەمكىن
بەزەنلەر جىق ئىشقا يولۇقسىمۇ تەمكىن
بەزەنلەر مەڭگۈ رازى بولمايدۇ سەندىن
بەزەنلەرنىڭ پۇلى بار بولسىمۇ خالىي بولالمايدۇ غەمدىن
بەزەنلەر تېنى ئاجىز بولغان بىلەن قارام كېلىدۇ
بەزەنلەرنىڭ كاللىسى ساق بولغان بىلەن ساراڭ كېلىدۇ
بەزەنلەرچۇ ئالىم بولسىمۇ گەپلىرى ئوخشاش يالغان كېلىدۇ
ئابرويلۇق ئادەم قىلىپ قويىدۇ ھەتتا شۇ نامەرتنىمۇ
بەزەنلەر باغرى تاش بېرىدۇ ئايالىنىڭ خېتىنى
بەزەنلەر خوتۇن ئەپ بوپ تاتىدۇ ئانىسىنىڭ ئاق چېچىنى
بەزەنلەرچۇ كۈندە ئۆتكۈزىدۇ قىزىل يېشىل كېچىنى
بەزەنلەرگە كۆرۈنمەيدۇ دادىسىنىڭ كۆز يېشى
نېمىشقا بەزەنلەرنىڭ بېسىمى كۆتۈرەلەيدىغىنىدىن ئېشىپ كەتكەن
بەزەنلەر پۇل ئۈچۈن سۆيىدىغان ئادىمىدىن كېچىپ كەتكەن
بەزەنلەر ئۆي ئۈچۈن ئارزۇنى تاشلاپ ئالىدۇ كەتمەن
بەزەنلەر سەل بەزەن ئەمەس بەزەن بولۇپ كەتكەندىمەن
Hook
بەزەنلەر
پۇتلاشسا يولىدا تەمكىن قوپىدۇ
بەزەنلەر
ئاھ ئۇرۇپ نىشاننى تاشلاپ قاچىدۇ
بەزەنلەر
كۈلۈپ تۇرسا بەزەنلەر كەينىدە سانجىيدۇ
بەزەنلەر
ئۆزگىرەيدۇ بەزەنلەر شۇ پېتى شۇ يەردە
Upuk
بەزەنلەرنىڭ يۈز ئابرويى ئاتا ئانىسىدىن مۇھىم
بەزەنلەرگە پۇل مال دۇنيا خوتۇن باللىرىدىن مۇھىم
بەزەنلەرگە ياخسا يامغۇر ئۇنتۇپ كېتىدۇ ئاپتاپنى
بەزەنلەر بىر چىشلەم نانغا خوشال ئۆتىدۇ بىر كۈنى
بەزەنلەر مەيلى قانداق بولسۇن يەنە شۇ پېتى
بەزەنلەر ئازىراق ئىشقا 72خىل ئۆزگۈرىشى
بەزەنلەر كۈلۈپ تۇرسا بەزەنلەرنىڭ كۆز يېشى
ئوخشاش بولغان ئىشقا ئوخشاش بولمىغان پوزىتسىيىسى
بەزەنلەر ئىشىنىپ كېتىدۇ بەزەنلەرنىڭ گەپ سۆزىگە
بەزەنلەر ئىشەنمەيدۇ ئاتا ئانىسىنىڭ نەسىھىتىگە
بەزەنلەر كۈندە ئويناپ كۆڭۈل ئېچىپ يۈرگەن چاغدا
بەزەنلەر كېچە دېمەي تەر تۆكىدۇ ھاياتىدا
بەزەنلەرگە تەسىر قىلسا بەزەن ئىشلار بەزەن چاغدا
بەزەنلەرنىڭ بەزەن سۆزلىرى سانجىلىدۇ بەزەن چاغدا
بەزەنلەرنىڭ كۆز ياشلىرى تۆكۈلگەندە بەزەن چاغدا
ھېس قىلىدۇ بەزەن ئىشنى بەزەنلەر كەتكەن چاغدا
Hook
بەزەنلەر
پۇتلاشسا يولىدا تەمكىن قوپىدۇ
بەزەنلەر
ئاھ ئۇرۇپ نىشاننى تاشلاپ قاچىدۇ
بەزەنلەر
كۈلۈپ تۇرسا بەزەنلەر كەينىدە سانجىيدۇ
بەزەنلەر
ئۆزگىرەيدۇ بەزەنلەر شۇ پېتى شۇ يەردە