Tengtuxler
Tallanmilar - Abdughini Ablikim
歌手:Abdugini Ablikim
专辑:《Tallanmilar - Abdughini Ablikim》

作词 : Muxter Bughra
作曲 : Erkin Ablaq
编曲: Erkin Ablaq
تەڭتۈشلەر
ئابدۇغېنى ئابلىكىم / ئابدۇخالىق تۇرغۇن / قۇربانجان ئابدۇكېرىم / ئوبۇلقاسىم ئۆمەر
سۆزى: مۇختەر بۇغرا
مۇزىكىسى: ئەركىن ئابلاق
ئاكورتلارشتۇرغۇچى: ئەركىن ئابلاق
ھي تەڭتۈشلەر تەڭتۈشلەر
ھېي شېرىن چۈشلەر شېرىن چۈشلەر
دەرىزىلەردە گۈزەل نەقىشلەر
ھەي ھەي تەڭتۈشلەر تەڭتۈشلەر
ھايات بىر خۇمدان، ئۇندا تەڭ پىشقان
كەڭرى سەھرادا ۋاللەي ئوينىغان
ھايات بىر خۇمدان، ئۇندا تەڭ پىشقان
كەڭرى سەھرادا ۋاللەي ئوينىغان
بىللە ئاتلىغان بوسۇغىلاردىن
بىللە ھالقىغان توسالغۇلاردىن
ھەي تەڭتۈشلەر تەڭتۈشلەر
ھەي شېرىن چۈشلەر شېرىن چۈشلەر
دەرىزىلەردە گۈزەل نەقىشلەر
ھەي ھەي تەڭتۈشلەر تەڭتۈشلەر
… مۇزىكا …
بىر مۇئەللىمدىن ئالغان پەرۋىشلەر
دىلغىمۇ ئۆرنەك سالدى نەقىشلەر
بىر مۇئەللىمدىن ئالغان پەرۋىشلەر
دىلغىمۇ ئۆرنەك سالدى نەقىشلەر
♪ئاداش، تەڭتۈشلەر، ياپيېشىل چۈشلەر♪
♪دوستلار كەينىدىن تاپتى مىش-مىشلەر♪
♪ئەي ئاغىنىلەر، قانداقراق ئەھۋالىڭلار ھوي♪
♪ئېسىل كەچمىشلەر، ئارام بەخىشلەر♪
ۋىسال كۈتۈشلەر، ھەسرەت يۈتۈشلەر
بىر قىزغا تەڭلا خەتلەر پۈتۈشلەر
ھەي ھەي تەڭتۈشلەر
ھەي شېرىن چۈشلەر
بىر قىزغا تەڭلا خەتلەر پۈتۈشلەر
بىر قىزغا تەڭلا تەڭلا كۆيۈشلەر
سىز-بىزلەر ئاخىر ئىنسان بەرىبىر
ئايرىم يوللارغا ئايرىيدۇ تەغدىر
سىز-بىزلەر ئاخىر ئىنسان بەرىبىر
ئايرىم يوللارغا ئايرىيدۇ تەغدىر
ھەي تەڭتۈشلەر تەڭتۈشلەر
ھەي شېرىن چۈشلەر شېرىن چۈشلەر
دەرىزىلەردە گۈزەل نەقىشلەر
ھەي ھەي تەڭتۈشلەر تەڭتۈشلەر
تەڭتۈشلەر
(ناخشا تېكىستى تەھرىرى: ئالىمجان)
更多>> Abdugini Ablikim的热门歌曲