Sen Xushal Yasha
Sen Xushal Yasha
歌手:Subi Amar(苏比)
专辑:《Sen Xushal Yasha》

作词 : Haksar/Subi Amar(苏比)
作曲 : MJ

作词:Haksar / Subi Amar
作曲:MJ

Haksar
قوللىرىمنى سىلكىۋەتكەن سەن ئەمەسمۇ
سوغوق يۈرەكنى ئىللىتقىنى مەن ئەمەسمۇ
ئەمدى مەن كەتتىم سېنىڭدىن كەچتىم
دىگەن سۆزنى ئېيتقان ئىدىم نەچچە قېتىم
كەچتىم دىدىم كېچەلمىدم سەندىن يىراق كېتەلمىدىم
چۈنكى بىلىمەن شۇ ۋاقىتتا سەن ماڭىلا مۇھتاج ئىدىڭ
مۇھتاجلىقنى بىلىندۈرمەي ئازاپلارنى كۆرۈندۈرمەي
تۇرمۇشۇمدا ھىچ بولمىسا سېنى خۇشال ياشىسۇن دەپ
Subi Amar
سەن خۇشال بولساڭلا ئەگەردە
مەن تەييار ھەر يەردە
ئارزۇيۇم بەخىتنى تەڭ تاپساق
سۆيگۈگە قۇچاق ئاچساق
مەيلى مەن نەلەرگە كېتەي مىنىڭ قەلبىم سەن بىلەن
مەيلى سەن نەلەردە بولغىن سېنى ئىزدەپ تاپىمەن
Haksar
چارچىغانسە سەنمۇ بەلكىم ئېغىر بېسىمدىن
زېرىككەنسە سەنمۇ بەلكىم بىر خىل رېتىمدىن
كۈندە ئوخشاش ئەھۋال تەكرارلانسا نەچچە قېتىمدىن
ئامالسىزمەن يولنى بەردىم بولدى چېكىندىم
ۋەدە قەسەم كېرەك ئەمەس ئەمەلىيەتتىن كۆرەلەيمەن
سېنىڭ ھەتتا ماڭا قېيداپ يۈرگىنىڭنى بىلەلەيمەن
مېنىڭدىن رەنجىمە سۆزلىرىمدىن رەنجىمە
سەنلا خۇشال بولساڭ بولدى ئازاپ كەتسۇن مەن بىلەن
Subi Amar
سەن خۇشال بولساڭلا ئەگەردە
مەن تەييار ھەر يەردە
ئارزۇيۇم بەخىتنى تەڭ تاپساق
سۆيگۈگە قۇچاق ئاچساق
مەيلى مەن نەلەرگە كېتەي مىنىڭ قەلبىم سەن بىلەن
مەيلى سەن نەلەردە بولغىن سېنى ئىزدەپ تاپىمەن
Haksar
خاپىلىقلار بولسا مەيلى ئۆتۈپ كەتسۇن
كۈندە تەكرار تالىشىشلار يۈتۈپ كەتسۇن
مەيلى پۇل كەتسۇن مەيلى جان كەتسۇن
پەقەت بىزدىن يالغانچىلىق نېرى كەتسۇن
مەيلى قانچە ئەسكى بۇلاي كەت دېمىگىن مىنى
مەيلى ئەتە قانداق بولسۇن يات دېمىگىن مىنى
قېنى دىمەي شۈكرى دىسەك بەخت بىزگە بېرى
ئاخىرىغىچە قول تۇتۇشۇپ بۇلالىساق قېرى
Subi Amar
مەيلى مەن نەلەرگە كېتەي مىنىڭ قەلبىم سەن بىلەن
مەيلى سەن نەلەردە بولغىن سېنى ئىزدەپ تاپىمەن
مەيلى مەن نەلەرگە كېتەي مىنىڭ قەلبىم سەن بىلەن
مەيلى سەن نەلەردە بولغىن سېنى ئىزدەپ تاپىمەن
更多>> Subi Amar(苏比)的热门歌曲