歌手:
Abduwali sattar
专辑:
《Suygumiz》 作词 : kut-medeia
作曲 : Abduwali sattar
ئوت ئاچماقتا سەن تۇيغۇلىرىمغا
نىگايىڭ بار سىمايىڭ ئارا
باغرىمدا يانغان چوغ بولدۇڭ ئىيتەي
كۆرۇنمىدى كۆزۇمگە دۇنيا
كۆرۇنمىدى كۆزۇمگە دۇنيا
ئىشەن ھەي گۈزەل ساداقىتىمگە
دىلىمدىكى چىن مۇھەببىتىمگە
ئارمانىم شۇدۇر ئارزۇيۇم شۇدۇر
پاك مۇھەببەت يار بولغاي بىزگە
پاك مۇھەببەت يار بولغاي بىزگە
سۆيگۈ مۇھەببەت سىھىرلىك شۇنداق
ساپ يۇرەكلەرگە سالىدۇ پىراق
ئىنتىزار دىلىم ھەم پاك سۆيگۇگە
ساداقەتتە ئاچقايسەن قۇچاق
ساداقەتتە ئاچقايسەن قۇچاق
قايىل يۇرۇكۇم جاسارىتىڭگە
ھەمرا بولاي سائادىتىڭگە
كۆزۇمدىن مىھىر تۆكۇلەر ئوتلۇق
پاك مۇھەببەت يار بولغاي بىزگە
پاك مۇھەببەت يار بولغاي بىزگە
غىرىپ سۆيگەندەك سۆيسەم دەيمەن يار
سەنەم كۇتكەندەك كۇتسە دەيمەن يار
غىرىپ سۆيگەندەك سۆيسە دەيمەن يار
سەنەم كۇتكەندەك كۇتسەم دەيمەن يار
سۆيگۇ بىغىدا بىر جۇپلەر بولۇپ
يار بىلەن بىللە ئۆلسەم دەيمەن يار
ئىشەن ھەي گۈزەل ساداقىتىمگە
دىلىمدىكى چىن مۇھەببىتىمگە
يۇرۇكۇمدىن مىھىر تۆكۇلەر ئوتلۇق
ساپ مۇھەببەت يار بولغاي بىزگە
پاك مۇھەببەت يار بولغاي بىزگە
پاك مۇھەببەت يار بولغاي بىزگە