Bahitlik bol(Cover:NAPAS)
Hox
歌手:NAPAS
专辑:《Hox》

作词 : NAPAS
作曲 : NAPAS
ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتى باشلانمايلا توزۇپ كەتتى .

سەن ماڭا بەرگەن ۋەدىلەر ئەمدى قەيەرگە كەتتى .

ئاشۇ چاغدا دېيىشكەن ئىدۇق ، ئەمدى مەڭگۈ ئايرىلمايمىز .

مەيلى ئەجەلدىن سىگنال كەلسىمۇ باشقا يولغا قايرىلمايمىز .

دېگەن ئاشۇ گەپلىرىڭ بەرگەن ئىدى ، چوڭقۇر ئۈمىد .

ئەمما تۇيۇقسىز تاشلاپ كېتىشىڭ ئېلىپ كەلدى ، ئېغىر سۈكۈت .

كۆڭلۈمدىكى دەرت ئازابلار ئىچىگە تولۇپ پاتمىغانتى  .

سېنىڭ تاشلاپ كېتىشىڭ بىلەنلا خۇشاللىقىمۇ يوقالغانىدى .

سەن خۇشال ياشىساڭلا شۇ ماڭا كۇپايە .

كۆڭلۈمنى بەرگۈم يوقتۇر ، سەندىن باشقىغا  ئۆزگىگە .

مەندىن كېچىپ كەتتىڭ ، يىراققا ، باشقىنى سۆيۈپسەن .

ئەقىدەمگە قىلماي ۋاپا  ئۆزگە . بىلەن يۈرۈپسەن .

بۇ ھاياتىمدا سەندىن باشقا ئۆزگىنى سۆيەلمەيمەن .

سەنلا خۇشال بولساڭلا مەن ھەممىگە چىدايمەن .

باشقىلارغا پەرۋايىم يوق ، سەنلا بار ، پەقەت قەلبىمدە .

ئەتراپىڭدا پەرۋانە بولۇپ ، سېنى مەڭگۈ قوغدايمەن .

بۇ سۆزلەر چىن يۈرەكتىن چىقتىمۇ زادى بىلمەيمەن .

كۆڭلۈمدىكى شۇ قىزچاققا بەخت تىلىسەم دەيمەن .

سېنى قايتا سۆي دېسەم ، رايىم قالمىدى ئۇقمايسە.

ھاياتىمنى يۇمۇر دېسەم ، بىلىپ تۇرۇپ كۈلمەيسە،

ھاياتىم توغرا بىر يۇمۇرغا ئوخشايدۇ .

ئوقۇپ قويساڭ گاھىدا كۆزلىرىڭنى  نەمدەيدۇ .

چۈشەنمەي سەن قىسمىتىمنى كۈلۈپ تۇرىسەن يىراقتا .

ئەمدى سەندىن تىلەيدىغىنىم قالما ، ھەرگىز پىراقتا .

hook
سەن خۇشال ياشا قالمىغىن،سۈكۈتتە

چۈنكى سەن بىر مەلىكە مەلىكە مەلى

سەن خۇشال.ياشىساڭلا شۇ ماڭا كۇپايە

ئەمدى ساڭا بەخت تىلەيمەن تىلەيمەن

بىرسى سېنى مەندەك سۆيىمەن دېسە ھەرگىز ئىشەنمە .

چۈنكى مەندەك سۆيەلمەيدۇ ، بۇنى ئوبدان بىلىسە.

باشقىلارغا ئوخشىمايسەن ، ئۆزگىچە پۇراقلىق بىر گۈلسەن .

گەرچە گۈلدەك بولساڭمۇ سەن، ھامان 1كۈنى توزىيسە

توزىغاندا يېتىپ كېلىدۇ، ھاياتىمدىكى كۈز پەسلى .

ئاشۇ ۋاقىتتا بىلىپ قالىسەن، چۈشىنىپ يېتىسەن ھەممىنى .

باھار پەسلى كەتتى ، يىراققا ،كەلمەس ئەمدى قايتا .

قىش پەسلىدە ئەسلەپ قالىسەن، ئۆتمۈشۈڭنى زار يىغلاپ .

سەن خۇشال ياشا قالمىغىن،سۈكۈتتە

چۈنكى سەن بىر مەلىكە مەلىكە مەلىكە

سەن خۇشال.ياشىساڭلا شۇ ماڭا كۇپايە

ئەمدى ساڭا بەخت تىلەيمەن تىلەيمەن

ئەمدى مەن كۆڭلۈمنى، ساڭا قايتىلاپ بەرمەيمەن .

سەن يېنىمدا يوق كۈنلەرگە ،مەن قەتىيلا كۆنەلمەيمەن .

خۇشاللىقىمنى مەنمۇ ئەمدى قايتىدىن ئىزدەپ تاپىمەن .

ئۇنتۇپ كېتىمەن ئۆتمۈشۈمنى . ساڭا بەخت تىلەيمەن .

مۈشكۈلاتقا يولۇققاندا يوقىتىپ قويما ئۆزۈڭنى .

قويۇق تۇمانلار چىرمىۋالمىسۇن بىغۇبارىم نە كۆزۈڭنى .

ئېسىلىۋالماي ئۆتمۈشۈڭگە قايتىدىن باشلىغان ھەممىنى .

ئامانەتنى يوقىتىپ قويماي ئوبدان ئاسرا ئۆزۈڭنى .
更多>> NAPAS的热门歌曲