Yamghur
Yamghur
歌手:YOUNG-BIG
专辑:《Yamghur》

作词 : YOUNG-BIG
作曲 : YOUNG-BIG
Yamghur
HOOK:(YOUNG-BIG)
يامغۇر سۈيى ئەسلەتتى بىللە يۈرگەن شۇ كۈنلەرنى
ھەم پەقەتلا ئۇنتالمايمەن قول تۇتۇشقان شۇ تۈنلەرنى
يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاپ تۇرۇپ دىيەلەيتىم سەن مىنىڭكى
مىنى يالغۇز تاشلاپ قۇيۇپ ئازاپتا قويدۇڭ يۈرۈگۈمنى
*2
VERSE1(VENOM-ER)
ئىسىمدە بىر كۈنى ئولتۇراتتىم ، شارقىراپ ياغقانتىي شۇ يامغۇر
ئويلىدىم نېمانداق رەھىمسىز دۇنيا ئازابنى تارتتىمۇ يالغۇز
رەھىمسىز دۇنيا ، رەھىمسىز تەقدىر ئايرىماقچى بولدى ئۇنىڭدىن ،
قارا باستى ، ئوڭۇممۇ بىلەلمىدىم ، چۆچۈپ ئويغاندىم چۈشۈمدىن

بۇ دۇنيا راستتىنلا باقمايدىكەن ، ئويلىغان شۇ رايىمىزغا
نېمە ئىشقا يېتەي دەپ يېتەلمەيمىز ، يەتكىمىز بار نىشانىمىزغا
شۇنچە تىرىشتىم ، لېكىن يەنە بارالمىدىم ، ئىللىق جايىمغا
ئەسلى ھەممىسى بۇرۇنلا پۈتۈلگەن ئىكەن ، ئاشۇ شور پىشانىمىزغا

بۇرۇن دېگەنتىم مەن ساڭا ياخشى كۆرگەنتىم ، بىر كۆرگەندە
سەن دائىملا ماڭا دەيتىڭ ئامراق تەبىئىي كۈلكەڭگە
ئايرىلدىم سېنىڭدىن ئايرىلىپ ھەممىدىن.يۇقىدى ئاشۇ كۈلكەممۇ
ھازىر راستىنلا بىلەلمىدىم ، مەن تېرىكمۇ ئۆلدۈڭمۇ؟

ئىزدىدىم ، ئىزدىدىم ، تاپالمىدىم ، مەن زادى قايسىنى قىلدىم خاتا
ئۆتۈنەي جېنىم ، ئاتىغىنى ئۆزۈڭنى قايتىدىن پۇرسەت بەرگىن ماڭا
ئىشەنگىن جېنىم خاتانى ئۆزگەرتىپ قايتىدىن تاپاي ، مەن ئۆزۈمنى
بۇ قېتىم راستىنلا بەختىڭنى بېرەي ، ماڭىلا ئاتىغىن ئۆزۈڭنى

HOOK:(YOUNG-BIG)
يامغۇر سۈيى ئەسلەتتى بىللە يۈرگەن شۇ كۈنلەرنى
ھەم پەقەتلا ئۇنتالمايمەن قول تۇتۇشقان شۇ تۈنلەرنى
يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاپ تۇرۇپ دىيەلەيتىم سەن مىنىڭكى
مىنى يالغۇز تاشلاپ قۇيۇپ ئازاپتا قويدۇڭ يۈرۈگۈمنى
*2
VERSE2(YOUNG-BIG)
يامغۇرلۇق كېچىدە ئەسلىدىم سېنى ئولتۇراتتىم يەنە يالغۇز
بېرەلمىدى ھېچكىم ھېچكىمنى ھەمراھ بولغىنى شۇ يۇلتۇز
ئازابتىن تارتتىم ئاچچىق ئىسنى كۆرۈندى كۆز ئالدىمدا
پەقەتلا ھەمراھ بولالىدىڭ ، ھەر كۈنى سۈرگەن خىيالىمدا

ئايرىلىش ئازابى قىينىدى ، مېنى ئىشەنمەس بولدۇم سۆيگۈگە ئەمدى
شېرىن خىيال سۈرگەن كەلگۈسى گۈزەل ۋاقىتلار كەلمەسكە كەتتى
يېنىمدا ھەر كۈنى ھەمراھى ئىدىڭ ، ئەمدىلىكتە ئۆچتى ئۈنۈڭ
ھەر كۈنى ئۆزۈمگە تەسەللى ئىزدەپ ، ئازاب ئىچىدە ئۆتتى كۈنۈم
更多>> YOUNG-BIG的热门歌曲