歌手:
MuratjanMuxter
专辑:
《Ashiq kuyi》مېنىڭ تىلىگىم
سۆزى : غوپۇرجان قاسىمىنىڭ
مۇزىكىسى : غوپۇرجان قاسىمىنىڭ
چالغۇلاشتۇرغۇچى : مۇراتجان مۇختەر
ئورۇندىغۇچى : مۇراتجان مۇختەر
كۆزۈم ئاجىز يارىلىپتىمەن،
قىسمەتلىرىم كۆزۈمگە ئايان،
قىسمەتلىرىم كۆزۈمگە ئايان.
قەلبىمدىكى مۇھەببەت ئوتى،
باشلار مېنى مەنزىلگە ھامان،
باشلار مېنى مەنزىلگە ھامان.
ئېنتىلەرمەن يورۇق دۇنياغا،
تەشنالىغىم قانماس ھاياتقا.
تەشنالىغىم قانماس ھاياتقا.
ئارزۇ-ئۈمىد ماڭا ھەردەميات،
يىتەر كۆڭلۈم بىر كۈن مۇرادقا.
مېھرى-شەپقەت گۈلشىنى ئالەم،
ياشايدىكەن خىلمۇ-خىل ئادەم.
سۆيگۈ-ۋاپا گۈلشىنى ئالەم،
ياشايدىكەن خىلمۇ-خىل ئادەم.
ئېزلەنگەنگە ئالەمچە خۇشاللىق،
بېرىدىكەن ھورۇنغا ماتەم.
تېرىشقانغا ئالەمچە خۇشاللىق،
بېرىدىكەن ھورۇنغا ماتەم.
بۇ ھاياتتا ھەممىمىز كارۋان،
يولىمىزدا مۆشكۈل تاغ-داۋان.
يولىمىزدا مۆشكۈل تاغ-داۋان.
ئارزۇ-ئۈمىد يار بولسۇن بىزگە،
قالسۇن مېنى دەشتۇر باياۋان،
ئارزۇ-ئۈمىد يار بولسۇن بىزگە،
قالسۇن مېنى دەشتۇر باياۋان،
قالسۇن مېنى دەشتۇر باياۋان.