Umutluk Bol
Umutluk Bol
歌手:Ghelite
专辑:《Umutluk Bol》

作词 : Ghelite
作曲 : jethro
作词 : Ghelite
作曲 : jethro
编曲:jemgor
ئۈمۈدلۈك بول بۇرادەر ئۈمۈدۈڭنى ئۈزمە
سەندىن ئۈمۈد تەلەپ قىلىدۇ ، شۇ مىسكىن كۆزلەر
چىقىش يولۇڭنى ئىزدە ، ھەقىقەتنى سۆزلە دوستۇم
توختاپ قالما ئۆز يولۇڭدا نىشانىڭنى كۆزلە
بەلكىم ئۇخلاپ ياتقىنىڭدا غايىپ بولىدۇ غەم لېكىن
رىئاللىقتىن قاچما دوستۇم ئۆز ئۆزۈڭنى يەڭ
كۆزلۈرۈڭنى نەم بولمىسۇن دېسەڭ بولسۇن پەم،چۈنكى
پاراسەتسىز بىر ئادەم ئۆلۈك بىلەن تەڭ
بەلكىم يېقىندا بېشىڭغا قىينىچىلىق كەلدى
بەلكىم سۆيگۈنۈڭ يېقىندا سېنى تاشلاپ كەتتى
بەلكىم ئاتا ئاناڭ ئاغرىپ دوختۇرخانىدا ياتتى
بەلكىم يېقىن دوستۇڭ سېنى دۈشمەنگە ساتتى
لېكىن ئۇنۇتما دوستۇم ، سەن تېخى ھايات
سېنىڭ ھەربىر يىقىلىشىڭ يېڭى بىر ساۋات
مۇشتۇمىڭنى قايتا تۈرگىن ئالدىڭغا قاراپ ، سەن
يىقىلىشتىن دەس تۇرۇش ئۆزى بىر خىل تالانت
ئۈمۈدۈڭنى ئۈزمە دوستۇم بۇ كۈنلەر بەك ئۇزۇن
بىر قىيىنچىلىقنى دەپ كۈچ قۇۋىتىڭ يوقىمىسۇن
ھەر ئىشتا بىر ھېكمەت كۆڭلۈڭمۇ توق بولسۇن
توختىما تېز يۈگۈرگىن قەلبىڭ كۈچكە تولسۇن
//
ئەي دوستۇم بەلكىم ئويلايدىغانسە
گاھىدە يالغۇز ئۆيدە يىغلايدىغانسە
ھاياتنىڭ سىناقلىرى قىينايدۇ سېنى شۇڭلاشقا
گاھىدا ئۆلۈشنىمۇ ئويلايدىغانسە
قىيىنچىلىقنىڭ ھەممىسى ئۆتۈپ كەتكىنى كەلگەن
جىسمىڭدىكى كۈچ قۇۋەتنى داداڭ ساڭا بەرگەن
ئۈمۈدلۈك بول، ئورنۇڭدىن تۇر
چىداملىق بول يۈگۈرگىن ئالدىڭدا يول
ئالدى بىلەن ئۆزۈڭگە يۈز كېلەلىشىڭ
كۆزلىرىڭدىن ئاققان ياشقا ئىگە بولالىشىڭ
تۇرمۇشنىڭ بېسىملىرىغا چىدىيالىشىڭ كېرەككەن
ھامىنى بىر كۈنى سەنمۇ كۈلىسە قاتمىسۇن بېشىڭ
بەلكىم قىينالغان چېغىڭدا يوق باش پاناھ لېكىن
قۇياش پاتقان شۇ كېچىدە يۇلتۇز ھەمراھ ساڭا
بىر ئۆمۈرلۈك ئارزۇيۇڭنى ئۇنتۇپ قالما شۇڭلاشقا
ئۈمۈدلۈك بول دوستۇم توختاپ قالما
ئۈمۈدۈڭنى ئۈزمە دوستۇم بۇ كۈنلەر بەك ئۇزۇن
بىر قىيىنچىلىقنى دەپ كۈچ قۇۋىتىڭ يوقىمىسۇن
ھە
更多>> Ghelite的热门歌曲