Untalmidim
Untalmidim / 忘不了
歌手:Mehmutjan_Mamut麦合木提江
专辑:《Untalmidim / 忘不了》

作词 : Mehmutjan Mamut麦合木提江
作曲 : Mehmutjan Mamut麦合木提江
编曲:Mamtimin Mamut
ئۇنتالمىدىم
مەخمۇتجان مامۇت



ئۆتكەن ئىدۇق زەپمۇ خۇشال
كۈنلەرىمىز شېرىن ئىدى
لىكىن ئەمدى ئاشۇ كۈنلەر
كەلمەسكىلا كەتكەن ئىدى
سەۋەپسىزلا ئايرىلدۇق بىز
نىمە سىر بار بىلەلمىدىم
ۋاپاسىزلىق قىلساڭمۇ سەن
سېنى پەقەت ئۇنتالمىدىم
سەۋەپسىزلا ئايرىلدۇق بىز
نىمە سىر بار بىلەلمىدىم
ۋاپاسىزلىق قىلساڭمۇ سەن
سېنى پەقەت ئۇنتالمىدىم
… مۇزىكا …
دىلدىن سۆيگەن نىگارىنى
ئۇنتۇش بەكمۇ قېيىن ئىكەن
شۇڭا سېنى ئەسلىسەملا
يۈرەكلىرىم يېغلايدىكەن
سەنمۇ ئەسلەپ قويامسە يار
بىرگە ئۆتكەن مىنۇتلارنى
زىمىستاندا بىللە ئويناپ
ئېتىشقانتۇق ئاپئاق قارنى
سەنمۇ ئەسلەپ قويامسە يار
بىرگە ئۆتكەن مىنۇتلارنى
زىمىستاندا بىللە ئويناپ
ئېتىشقانتۇق ئاپئاق قارنى
… مۇزىكا …
ھېچ بىلمىدىم خىيالىڭنى
مۇشۇنداقلا ئۇنۇتتۇڭمۇ
مېنى بۇنداق تىز ئۇنتۇشقا
سېنىڭ كۆڭلۈڭ قويغانمىدۇ
سەندىن سوراي ئەي بىۋاپا
ماڭا يالغان كۆيگەنمىدىڭ
يۈرەكنى قان-زەرداپ قىلىپ
ئايرىلىشقا يۈرگەنمىدىڭ
سەندىن سوراي ئەي بىۋاپا
ماڭا يالغان كۆيگەنمىدىڭ
يۈرەكنى قان-زەرداپ قىلىپ
ئايرىلىشقا يۈرگەنمىدىڭ
مەن سېنىڭمەن دىگەنىڭنى
ماڭا قاراپ كۈلگەنىڭنى
ھەمراھ بولۇپ يۈرگەنىڭنى
ئۇنتاي دىدىم ئۇنتالمىدىم
مۇھاببەتكە كۆنگەن يۈرەك
تەنھالىققا كۆنمەيدىكەن
سېنى مەڭگۈ ئۇنتاي دىدىم
لىكىن كۆڭلۈم قويمايدىكەن
سېنى مەڭگۈ ئۇنتاي دىدىم
لىكىن كۆڭلۈم قويمايدىكەن
يۈرەكلىرىم قويمايدىكەن
مېنىڭ كۆڭلۈم قويمايدىكەن
更多>> Mehmutjan_Mamut麦合木提江的热门歌曲