Qiraylik Siz
Qiraylik Siz
歌手:MardanKawul
专辑:《Qiraylik Siz》

作词 : 无
作曲 : 无
چىرايلىق سىز

ئاسماندىكى ئايدىنمۇ چىرايلىق سىز،
لالە-رەيھان تالدىنمۇ چىرايلىق سىز.
قېشىڭىز قارا قۇندۇز، كىرپىكىڭىز نەيزە،
شۇنچە گۈلدىن پەرقى زور چىرايلىق سىز.


قوي كۆزىڭىز نۇرلىرى جانغا ئوت ياقار،
ھەربىر كۈلۈپ قاراشىڭىز غەملىرىم ئالار.
خۇش ھىدىڭىز مەست قىلۇر شىپايى ئەنبەر،
شۇنچە گۈلدىن پەرقى زور چىرايلىق سىز.


مەن غېرىپنى قىلدى ئاشىق ئايدەك يۈزىڭىز،
يۈرەكىمنى تىلدى جانىم قىلغان سۆزىڭىز.
بۇ جانىمغا ئازاپ بولدى ئىشقى ئوتىڭىز،
قەلبىمدىكى دىلدارىم چىرايلىق سىز.
漂亮的你
比天上的月亮还漂亮的你
比鲜花柳枝还漂亮的你
眉毛黑黑的,睫毛似剑
万花中最漂亮的你

你眼睛的光芒点燃了我的心
你的每一个微笑带走我的烦恼
你的香气醉人
万花中最漂亮的你

你的月亮搬的脸让孤独的我爱上了你
你说的话让我的心碎了
我的心被你的情烧成灰了
心中的爱人你是最漂亮的
更多>> MardanKawul的热门歌曲