Happy Birthday
Happy Birthday!
歌手:VENOM-ER
专辑:《Happy Birthday!》

作词 : VENOM-ER
作曲 : Er-帆
Happy Birthday
VERSE(VENOM-ER)
1998 كۆز ئاشتىڭ سەن بۇ دۇنياغا
شۇ كۈندىن باشلاپ ئائىلە تولدى ، تۈگىمەس خۇشاللىققا
سەن بولغاچقا ، بۇ ئاىلىدە كۈندە ھەر خىل يېڭىلىقلار
تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك مەڭگۈ خۇشال ئۆت ىكەن ئاكا
يېزىلاردا مەيدان يوق ، توپىدا ئوينايتتۇق پۇتبول
يىقىلىپ چۈشسەم دەيتىڭ ، سەن يىغلىما سەن ئوغۇل
ئېتىزلىققا مۆكۈپ يۈرۈپ ئوغرىلايدۇ شاپتۇل
ئاپام دىيتى نەدە ، سەن تېزدىن ئۆيگە كېلىپ بولدى
ھەر كۈنلىرى سەھەردە تەڭ باراتتۇق ، مەكتەپكە
كېچىكسەك مۇئەللىم دەيتتى ئۇخلاشنىڭمۇ ئۆيۈڭدە
تاپىدىغانغا باھانە يوق ، قاراپ تۇراتتۇق بىز يەرگە
مۇئەللىم دەيتتى ئۆيگە قايتىپ ئۇخلاپ كەلگەنسەن ئەتە
خۇشال مىنۇتلارنى ئۆتكۈزگەنتۇق ، ئاشۇ ئۆت ىكەن يىللاردا
ئاياغ ئىزىمىز قالغان ئىدى ، كەڭرى پۇتبول مەيدانىدا
تىڭشىغۇچنى قۇلاق سېلىپ ئوينايتتۇق بىز تورخانىدا
بىلىپ قالسىلا دەيدۇ ، ئاپام جىم ئولتۇرىسەن ئۆيدىلا
HOOK(YOUNG-BIG)
تۇغۇلغان ، تۇغۇلغان ، تۇغۇلغان كۈنۈڭ بۈگۈن
تۇغۇلغان ، تۇغۇلغان ، تۇغۇلغانكۈنۈڭ بۈگۈن خۇشال ئۆتكىن
*2
VERSE(VENOM-ER)
بۈگۈن كىردىڭ. يىگىرمىگە ئۆتۈپ كەتتىگۈدەك ۋاقتىڭ
بىرەرسى بوزەك قىلسا ماڭا تېلېفون قىلغىن دەيتىڭ
ئوپچە تاماق يېگەن چاغدا كۆپنى بېرىپ ئازدىن يەيتىڭ
ئەمدى سەل مۇساپىر بولۇپ ، باشقا شەھەردە يالغۇز كەتتىڭ
بېقىپ سېنى چوڭ قىلدى ، ئاشۇ مېھرى ئىسسىق ئانا
يۆلەنچۈك بولۇپ كەلگەن ئىدى ، ئاشۇ بىللە تاغدەك ئاتا
ئۇلار تىلەيدۇ بەختىڭنى مەڭگۈ قىلسۇن ساڭا ئاتا
تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك مەڭگۈ خۇشال ئۆت ىكەن ئاكا
مۇساپىر بولۇپ ئۆتكۈزدۈڭ ، ئىككى يىلنى باشقا شەھەردە
ئۇنتۇمايتتىڭ سالام دەيتىڭ ھەر كۈنى سەھەردە
ئاپاڭ دەيتتى غېرىپسىنىپ قاپتۇ ، كىرىپ قاپتۇ چۈشۈمگە
داداڭ دەيدۇ سېغىندۇق ھە بېرىپ كېلەيلى ، يېنىگە
يېقىندا ئالدىراش بارالمىدى ، بۇنى توغرا چۈشەنگىن
ناتونۇش شەھەردە باشقا ئەمەس ، ئۆزۈڭگىلا ئىشەنگىن
قورسىقىڭ ئاچ قويمىغان كۈندە ئۈچ ۋاق تۇلۇق يېگىن
يانچۇقۇڭدا پۇل قالمىسا سېلىپ بېرىڭ دەپ تېلېفون قىلغىن
HOOK(YOUNG-BIG)
تۇغۇلغان ، تۇغۇلغان ، تۇغۇلغان كۈنۈڭ بۈگۈن
تۇغۇلغان ، تۇغۇلغان ، تۇغۇلغانكۈنۈڭ بۈگۈن خۇشال ئۆتكىن
*2

更多>> VENOM-ER的热门歌曲