Aldiding
Manga Ishen-歌曲
歌手:AbdurusulObul
专辑:《Manga Ishen-歌曲》

作词 : AbdurusulObul
作曲 : AbdurusulObul
ئالدىدىڭ
ئابدۇرۇسۇل ئوبۇل
سۆزى، مۇزىكىسى: ئابدۇرۇسۇل ئوبۇل
چىن يۈرەكتىن سۆيىمەن بىر سېنى دەپ
ھاياتىم سەن، بۇ جانىم بىر سېنىڭ دەپ
سەنسىز ماڭا ھايات نە كېرەك ئەي جېنىم دەپ
ئەقىدەمنى نەيرەڭ بىلەن ئالدىدىڭ
چىن يۈرەكتىن سۆيىمەن بىر سېنى دەپ
ھاياتىم سەن، بۇ جانىم بىر سېنىڭ دەپ
سەنسىز ماڭا ھايات نە كېرەك ئەي جېنىم دەپ
ئەقىدەمنى نەيرەڭ بىلەن ئالدىدىڭ
سۆيگەنمىدىڭ مېنى بىردەملىك ھەۋەس ئۈچۈن
ياكى قويۇپ ھىجرانغا يۈرەكنى قېيناش ئۈچۈن
رەنجىمەيمەن سېنىڭدىن ئەسلا، ئېيتقىن نېچۈن
قاش كۆزۈڭنى ئوينۇتۇپ مېنى شۇنچە ئالدىدىڭ
بىلەلـمىدىم جانان ئىچكى سىرىڭنى سېنىڭ
قەلبىمدە چاقنىغان چولپان يۇلتۇزۇم ئىدىڭ
دىلىڭغا ئازار بەرگەن يىرىم بارمىدى مېنىڭ
ئەي ۋىژدانسىز، سۆيگۈمنى نېچۈن ئالدىدىڭ
… مۇزىكا …
ئۆمرۈم بويى سەن ئۈچۈن كۆيەرمەن دەپ
قايغۇ-شاتلىقىڭغا ھەمنەپەس ئۆتەرمەن دەپ
يىغلىساڭ تەڭ يىغلاپ كۈلسەڭ كۈلەرمەن دەپ
شىرىن-شىكەر سۆزلەر بىلەن ئالدىدىڭ
ئۆمرۈم بويى سەن ئۈچۈن كۆيەرمەن دەپ
قايغۇ-شاتلىقىڭغا ھەمنەپەس ئۆتەرمەن دەپ
يىغلىساڭ تەڭ يىغلاپ كۈلسەڭ كۈلەرمەن دەپ
شىرىن-شىكەر سۆزلەر بىلەن ئالدىدىڭ
سۆيگەنمىدىڭ مېنى بىردەملىك ھەۋەس ئۈچۈن
ياكى قويۇپ ھىجرانغا يۈرەكنى قېيناش ئۈچۈن
رەنجىمەيمەن سېنىڭدىن ئەسلا، ئېيتقىن نېچۈن
قاش كۆزۈڭنى ئوينۇتۇپ مېنى شۇنچە ئالدىدىڭ
بىلەلـمىدىم جانان ئىچكى سىرىڭنى سېنىڭ
قەلبىمدە چاقنىغان چولپان يۇلتۇزۇم ئىدىڭ
دىلىڭغا ئازار بەرگەن يىرىم بارمىدى مېنىڭ
ئەي ۋىژدانسىز، سۆيگۈمنى نېچۈن ئالدىدىڭ
(ناخشا تېكىستى تەھرىرى: ئالىمجان)
更多>> AbdurusulObul的热门歌曲