歌手:
Abudu-Music
专辑:
《Azap lar din elip katsigiz meni》 作词 : Abudu-Music
作曲 : Abudu-Music
ئىزلىرىڭىز كۆزلۈرۈمگە سۈرمە قىلاي،
مەن سىز ئۈچۈن مىڭ بىر ئۆلۈپ مىڭ تىرىلەي.
سىزگە يالغۇز مىڭ قەلەندەر ھەم شاھ بولاي،
ئازاپلاردىن جانىم ئېلىپ كەتسىڭىز مېنى.
شۇ بويىڭىز ئايلانسىمۇ مەجنۇن تالگە،
مەن ئايلىناي سىزنى سۆيگەن لەيلى تالگە.
ئارمان بولاي مېنى سۆيگەن ئاشۇ يارگە،
ئازاپلاردىن جانىم ئېلىپ كەتسىڭىز مېنى.
ئازاپلاردىن …كۆز ياشلاردىن...
سېھىرلەردىن جانىم ئېلىپ كەتسىڭىز مېنى.
ئازاپلاردىن …كۆز ياشلاردىن...
سېھىرلەردىن جانىم ئېلىپ كەتسىڭىز مېنى.
(مۇزىكا)
ئۆزگىلەرگە سېغىنمىدىم سىز بار ئۈچۈن،
چىن يۈرەكتىن سىزنى سۆيگەن دىل بار ئۈچۈن.
شۇڭا شادمەن ئۇيغۇر قىزى سۆز بار ئۈچۈن،
ئازاپلاردىن جانىم ئېلىپ كەتسىڭىز مېنى.
شۇ بويىڭىز ئايلانسىمۇ مەجنۇن تالگە،
مەن ئايلىناي سىزنى سۆيگەن لەيلى تالگە.
ئارمان بولاي مېنى سۆيگەن ئاشۇ يارگە،
ئازاپلاردىن جانىم ئېلىپ كەتسىڭىز مېنى.
ئازاپلاردىن …كۆز ياشلاردىن...
سېھىرلەردىن جانىم ئېلىپ كەتسىڭىز مېنى.
ئازاپلاردىن …كۆز ياشلاردىن...
سېھىرلەردىن جانىم ئېلىپ كەتسىڭىز مېنى.