父亲啊,你是我的眼瞳 Kozlirimning Qarisi Dadam
父亲啊,你是我的眼瞳
歌手:MOMINJAN_ABLIKIM穆明江
专辑:《父亲啊,你是我的眼瞳》

作词 : Chimengul Awut
作曲 : Juret tursun

باغرىڭدىكى ئۆچمەس گۈلخانمەن
قار يامغۇردا توزىمايدىغان
جېنىم دادا يىلتىزىم سەندە
مىھرىڭ بىلەن قۇرۇمايدىغان
جېنىم دادا يىلتىزىم سەندە
مىھرىڭ بىلەن قۇرۇمايدىغان

كۆزلىرىمنىڭ قارىسى ئۆزۈڭ
شۇڭا گۈزەل كۆرۈنەر ھايات
مەن ئۇچۇشنى قىلمىدىم خىيال
قاناتىڭدا ئولتۇرۇپ ھەيھات
مەن ئۇچۇشنى قىلمىدىم خىيال
قاناتىڭدا ئولتۇرۇپ ھەيھات

سەن كۆتۈردۈڭ ئۆزۈڭدىن ئىگىز
كۈلكىلىرىڭ يەتتى پەلەككە
ئوغلۇم قوغلاپ ئوينايدۇ سېنى
ھاردۇق يەتمەس كۆيگەن يۈرەككە
ئاھ! سەن بىلەن كۆكلەر مۇھاببەت
جىنىم دادا! جىنىم دادا!
بەخت دېگەن مۇشۇ ئىكەن دەيسەن
تۇتۇپ ماڭساق ئىككى قولۇڭنى
ئۇنۇتمايسەن ياشلىق چېغىڭدا
ئانام بىلەن باسقان يولۇڭنى
ئۇنۇتمايسەن ياشلىق چېغىڭدا
ئانام بىلەن باسقان يولۇڭنى
ئامان بول دادا
ئامان بول دادا
ئامان بول دادا
جېنىم دادا!
ئامان بول دادا
ئامان بول دادا
ئامان بول دادا
جېنىم دادا!
更多>> MOMINJAN_ABLIKIM穆明江的热门歌曲