Zaboy
Zaboy
歌手:KEVSER
专辑:《Zaboy》

كۆزۈمدىن يانغان قۇياش ،بۇ يەرنىڭ قۇياشى خىلدىن بۇرۇنلا پاتقان
مەن شۇ قاۋاقنىڭ ئالدىدا قۇسۇققا چىلىشىپ دۈم ياتقان
ئۈمۈدسىز قالدىم ئېچىمدا گەپ جىق غەملىرىم پەقەتلا دۇنيادىن كەتكۈچە
ھاراقتىن ئىزدەيمەن كۆڭۈلنىڭ ئارامى كەتمەيمەن دۇكاندار قوڭامغا تەپلىچە
خاتالىقىمنىڭ ئورنىنى يۇتالمىدىم مەخپىرەت ئۈچۈن كۆپ ئىشلەپمۇ
ئەمدى جىمىدىم ئىلگىرى باققان ئادىللىق ئۈچۈن كۆپ ئىشلەپمۇ
ئادەمدىن قوقىمەن ئۆزۈمدىن قوقىمەن ئەينەككە قاراشتىن جىندىنمۇ ھەم
ئويلاپ قالىمەن ئادەمنى جىن زادى قوقۇتۇپ ئۆلتۈرەمدۇ چىشلەپمۇ
كوچىغا تاشلانغان بوۋاق يىتىمنىڭ قولىدا نان ئەمەس ئۇۋال
قولىنى ئۇزۇتۇپ بولغىچە ئاچ قورساق ئاشقا نىمىشقا يىپىلىدۇ قازانغا تۇۋاق
مەن ئىرىشكەن بەخىتتە ئەسلىدە يىتىمنىڭ ھەققى باتى
نامراتقا بىرىدۇ شۈكۈر ماڭا پۇل مانا بۇ خۇدانىڭ ئىلتىپاتى
ئىنساندىن ھەرگىز ۋاپا كۈتمە ۋاپانى ئىزدىسەڭ كۈچۈك باق
ئېگىلىش ھەققىگە داچىدا تۇرما ئۇۋاڭ بولسىمۇ كىچىكراق
سۆيگۈنۈم ھازىر سۆيگەن بىلەن مېنى بەرىبىر ئۇنتۇلۇپ كىتىدۇ قالماي ئۇزاققا
گۈل سىياقىدىن زىيادە خۇش ئېدى بەرىبىر ئىدى باشلاپ دوزاخقا
بۇ قاۋاق بولغان نەچچە زابوي زارىغا شاھىت
بۇ ھاراق ئېچىمدە چىلىنغان چىڭ تار تارىغا ئائىت
بۇ راۋاق بولدى قونالغۇ مەن ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئۇيقۇ ئەزىز
بۇ ساۋاق شۇكى ھەممە توسالغۇ پەقەتلا ھاراق ئەزىز
بۇ قاۋاق بولغان نەچچە زابوي زارىغا شاھىت
بۇ ھاراق ئېچىمدە چىلىنغان چىڭ تار تارىغا ئائىت
بۇ راۋاق بولدى قونالغۇ مەن ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئۇيقۇ ئەزىز
بۇ ساۋاق شۇكى ھەممە توسالغۇ پەقەتلا ھاراق ئەزىز
چىققاندا بىشىمغا ھاراق ئوڭلاپ ماڭالماي قالىمەن يولنىمۇ تۈز
دائىم ئېچىمدە سادا بالدۇرلا ياخشىسى ھاياتتىن ئۈمۇدىڭنى ئۈز
مەن ئۈزۈپ بولدۇم ئاتا-ئانام ئەجرىگە ئاشىقىم مىھرىگە دوستلىرىم ئىشەنچىگە
بەرىبىر قانداقمۇ كىلەتتىم يۈز ياز كەتتى خۇش كەلدى كۈز
مەن ئۈچۈن دۇنيا بەرىبىر دەيمەن لىكىن دۇنيا ئۈچۈنمۇ مەن نىمىتىم
ھامان بىر كۈنى مەغلۇپ بولۇشۇمنى ئەسكەرتمىسەڭمۇ مەن بىلەتتىم
ھاراقنى تاشلىغان سۆيگۈ ئۈچۈن ، سۈيۈمنى قۇرۇتۇپ كۆيگۈ ئۈچۈن ،
رومكىنى قولۇمغا ئېلىپلا قاۋاققا قايتىشنى مەن بىلىتتم
بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم تورت ئەمەس ھاراققا شام ياقتىم
يىقىنلىرىمدىن ئۇزۇدۇم ئۇزاققا يالغۇزلۇق ئۈچۈن بىر شام ياقتىم
يوقالسام دۇنيادىن سۆيگۈنۈم ئۈچۈن كۆپ ياخشى شۇڭلاشقا بۈگۈن مەن تەرەپتىن كەلدى جاۋاپ،
ئۆزۈمنى ئۆلدى ساناپ ،بىر شامنى كام ياقتىم
ھالىتىم ھەيران لىكىن بىلجىرلاش يوق ،ئېسىم ھالىتىم تۈپىدىن سالماق
قامىتىم ھەيران لىكىن زىغىرلاش يوق ،
شۇڭلاشقا شىشىگە ھۆرمەت ئىتباردا تاشلىدىم قارماق
كەيپىم يىشىلمىسۇن بەكرەك چىڭىسىۇن
تۇغۇلغان كۈنۈمگە مۇبارەك
خوشە سىڭسۇن
بۇ قاۋاق بولغان نەچچە زابوي زارىغا شاھىت
بۇ ھاراق ئېچىمدە چىلىنغان چىڭ تار تارىغا ئائىت
بۇ راۋاق بولدى قونالغۇ مەن ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئۇيقۇ ئەزىز
بۇ ساۋاق شۇكى ھەممە توسالغۇ پەقەتلا ھاراق ئەزىز
بۇ قاۋاق بولغان نەچچە زابوي زارىغا شاھىت
بۇ ھاراق ئېچىمدە چىلىنغان چىڭ تار تارىغا ئائىت
بۇ راۋاق بولدى قونالغۇ مەن ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئۇيقۇ ئەزىز
بۇ ساۋاق شۇكى ھەممە توسالغۇ پەقەتلا ھاراق ئەزىز

更多>> KEVSER的热门歌曲