Hezi bol
DISS
歌手:Yiltiz
专辑:《DISS》

作词 : x-qan
作曲 : internet
‏ Mixed by : Pensad

ئاغزىمنى بۇزماي چىقىپلا باشتا لېكىن ھېزى بول باش كېتىدۇ ئېغىزدىن دېگەن گەپ با كونەلاردا رەپ رەپ ئېيتىمە دەيسە بىلەمسە
别让我开头就说脏话但是小心boy
نەدىن كەپ نەگە بارىسەن سۆزلىيەلەيسە چۈشۈرۈپ مۇزىكىغا ئىككى تۆت قاپىيە ماراپ ئۇيە بۇيەنى تاپىسە ئۆزگىچە ئىلغار ئىدىيە.نەگە ئاپىرسە ئۆزىمىزدە بار نەرسىلەنى ساتىسەن تېخى مىنى ھۆكىمەتكە سۇنچە سۆيسەممۇ پارتىيەنى.تاتلايسەن گەدەننى قىچىشمىسىمۇ زومىزو كەينىمدىن گەپلا قىلسە چۈشىمىزمۇ روبىرو.
بىرو دېمە مېنى كىچىك سەن تىخى باشلاندى ئەمدى تېخى رەپ خاتىرەڭنىڭ تۇنجى بىتى مەن ئاللا بۇرۇن پۈتتۈرۈپ بولدۇم ئالى مەكتىۋىنى.سەندەك ۋاختىمدا ئالغان FSخان تەختىنى.ئىچىپ تۇرۇپ پىشقەدەملەر تېرىغان مېۋە سۈيىنى
ھۆرمەت قېنى يۈز ئۆرۈيسە پەيتى كەلسەڭ كۆرۈپ پۇلنى.

ھېزى بول ئادى كەينى ئوڭ سول
كۆرۈشكىندە ياخشىسى ئاۋال چىقا ئوڭ قول
بۇ يول ئۇرۇن ئۇزۇن يولدا توتاشمىسا قوللا.
ئەخلى كالتا باللا خىيال بەكلا چولتا.

دېمەي قويماي بولدى ناخشاڭنىڭ سۈپىتىنى ئىنىق ئاڭلالمايمەن رەپىڭنىڭ تېكىستىنى.ئىدىيە نېمە زادى زادى نېمە دېمەكچى ياكى بىر ناخشاڭ نان بەسە شۇنى يېتىپ يېمەكچى.نام بولسا كېرىكى خام ئىش قىلما ئاكاڭ بولسىمۇ بولسا ياڭزاڭ قىشقاما ئۇششاق ئىشقا يولۇڭدا مېڭىپ پۇختا
ئارتۇق ئىشقا ئارلاشما ھېزى بولمىساڭ بېشىڭنى ئۇرىۋالسە خىشقا.بەتلىمە تاپانچاڭنى چىقمىسا ئوقۇڭ ئوق چىقىراماي ئاغزىڭدىن چىقىپ كەتمىسۇن پوقۇڭ.ئىنىقراق بىلىۋال قايسى سېنىڭ ئورنۇڭ.پەخەس قىل تونىۋالدىم تەققە تورقۇڭنى. سانجىما قېرىندىشىڭنى ئۇشلىماي تۇرۇپ قۇرۇپ كېتەر ھەيۋەڭ بۇ ئاخشام ئۇخلىماي تۇرۇپ.ئىگە بولامايدىغان گەپنى رەپ دەپ ئېيتما سېنى جىمىقتۇرالايدىغان سەپ بەك تولا.

ھېزى بول ئادى كەينى ئوڭ سول
كۆرۈشكىندە ياخشىسى ئاۋال چىقا ئوڭ قول
بۇ يول ئۇرۇن ئۇزۇن يولدا توتاشمىسا قوللا.
ئەخلى كالتا باللا خىيال بەكلا چولتا.

يەر ئاستىنىڭ قاراڭغۇسىنى بىلمەي تۇرۇپ يەر ئاستى ئوينايمەن دەپ قوڭاڭغا ئۇرۇپ دېس رەپ ئېتىپ ئشنى تېرىپ قويۇپ يۈرىسە تىتىرەپ يۇلۇپ چىقىمە ناخشاڭنى گىلىدىن تۇتۇپ.تىل قامچام بىلەن ئۇرۇپ ساختىلىقىڭنى يۇلۇپ قولاڭغا ئېلىپ بېرىمە قاپىيەلىرىڭنى چۇۋۇپ ۋېلوۋلىرىڭ سۇنۇپ ئېغىزىڭ قۇرۇپ ئاڭزىڭغا گەپ كەلمەس قىلىپ قويىمە ئىسكىلاتتا پەقەت بىر ئاخشام تۇرۇپ.
دەرت تۆكۈپ بەرمە يېتىپ ئاشىدۇ دەردىم چىن بولسا رەپىڭ ئىسپاتلا ئەمەلىيەتتە ئاندىن ياقىدۇ جەمىئەتكە چىقىدۇ نامىڭ ئاسمان پەلەككە.قالىدۇ يۈرەكتە ماڭ قەتتى نىيەتتە.قورسۇقىڭنىڭ ئاغرىقى بولمىسا دېس يېيىشتىن قورما،بىز بىلەن ئارلىشىمە دېسەڭ پو ئاتما بولما ساختا بىزنىڭ باللا قانغا قان جانغا جان خانغا خان ئاخىرقى قاتا ئەسكەرتەي ساڭا شۇڭا

ھېزى بول ئادى كەينى ئوڭ سول
كۆرۈشكىندە ياخشىسى ئاۋال چىقا ئوڭ قول
بۇ يول ئۇرۇن ئۇزۇن يولدا توتاشمىسا قوللا.
ئەخلى كالتا باللا خىيال بەكلا چولتا
更多>> Yiltiz的热门歌曲