Dialog
Yloum
歌手:MC-5
专辑:《Yloum》

Yeah c'mon
يەر ئاستى يولىدا دوستۇم يۆلەۋاتىدۇ
سورۇندا يۈز بەرگەن ئىشلار كاللامدىن ئۆتمەيۋاتىدۇ
ئىككى سولتەك سىڭلىسىدەك قىزغا ھاراق زورلاۋاتىدۇ
يۈرۈكۈم ئىيچىشىپ قولۇم قىچىشىپ ئۇلارغا ئۆزۈمنى ئاتتىم
ئاداش سەن كۆپ ئىچىۋاپسەن ئۇ قىزغا بۇ كەچتە نىمە بار
سەن ئۇ قىز تەرەپتە تۇرغان بىلەن ئۇ قىز كۆڭلىدە كىم بار
ئويلاپ باقتىڭمۇ ھازىرقى جەمىئەت سەن ئويلىغاندەك ئەمەس
ھىجايمىغىچە دىڭگايمايدۇ ئۇ قىز قوزغىلى ھەۋەس
توغرا ئۇلار چوڭ قىزلار كىچىك ئاق-قارا پەرق ئىتەمدۇ
ئۇيغۇر قىزى مۇشۇنداق كىچىك تۇرۇپ تۈگۈشۈپ كىتەمدۇ
ئۇ قىز بۇرۇن قانداق چۇشەنمەيمەن كۆرمىگەن
بىراق مەندىكى ئاكېلىق غورۇر بۇنىڭغا قاراپ تۇرامدۇ
Yoo بۇرادەر سەندىكى ۋىجدان ئەلۋەتتە مەندىمۇ بار
سەن بۇنى دەپ ئۇ ئىشلارنىڭ نىمىنى ئۆزگەرتەلەيسەن
دۆتلۈك قىلما ئۇ قىز بۇنداق قىلىشىڭغا ئەرزىمەيدۇ
ئاتا-ئانېسىنىڭكىنى ئاڭلىمىغان يەردە سېنىڭكىنى ئاڭلامدۇ
مەن قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىمنى قىلىۋاتىمەن ھەم قىلدىم
ئارېمىزدىن چىققان خۇمسى گۇيلارنى كۆرگەندە يىڭەمنى تۈردۈم
ئۇلار كەلگۈسى مىللىتىمىزنىڭ ئەتىسى
ئۇلار چۈشكۈنلەشسە قىنى بىزنىڭ مىللەتنىڭ ئەتېسى
ئزەنجىر بىلەن دىئالوگMC-5 بىلەن دىئالوگ
ئجەمىئەتتە كۆرگەنلىرىمىزنى رەپ بىلەن قىلدۇق دىئالوگ
ئدىئالوگلار ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ئىتىرازلار توختاپ قالمىسۇن
ئجەمئىيتىمىزگە كېرەكلىرى ئۆتكۈر پىچاقتەك دىئالوگ
ئاداش ھازىر ئاق تاماكا چېكىدىغانلار بەك كۆپىيىپ كېتىپتۇ
مەھەللىمىزدىكى ئاشۇنى تونۇيسەنغۇ ئۇ چېكىپ ئۆلۈپ كىتىپتۇ
ئاتا-ئانىسى ياخشى ئادەملەر ئېدى ھەتتا كۆيۈمچان ئايالىمۇ بار ئېدى
بىچارە قىزنى يىتىم قىلىپ ئائىلىنى غەم-قايغۇغا ساپتۇ
بولدى قىلە ئاداش بۇنداقلارغا ياخشىسى ئىچىڭنى ئاغرىتما
ئۇلاردا غورۇر ياكى ۋىجدان دىگەندىن ئەسەر بارمۇ
ئاتا-ئانىسىغا ئائىلىسىگە مەسئۇلىيەتسىز ئاقچى
ئۇنداق ياشىغاندىن بالدۇراق ئۆلگىنى ياخشى
ئادەمدەك گەپ قىلە بۇرادەر ئۇلارمۇ بەلكىم ئازغاندۇ
بەلكىم ئاشۇ يامان ئادەملەرنىڭ كەينىگە كىرىپ چەككەندۇ
ئادەمنىڭ دوستى بار ھەم ئەلۋەتتە دۈشمىنى
بەلكىم ئاشۇ دۈشمەنلىرى ئۇنى قەستلەپ قويغاندۇ
مىڭ قەستلىسىمۇ بىلمەمدىكەن ئاق تاماكىنىڭ زەھەرلىكىنى
ئاق تاماكا چەككەنلەرنىڭ ئەزرائىل بىلەن يىقىنلىقىنى
ئۇلار ھاياتىنى قەدىرلىمىسە سېنىڭ نىمە ئىشىڭ
سەن ئۇلارغا ياردەم قىلساڭ ئەكسىچە يىرىلىدۇ بېشىڭ
بەلكىم بېشىم يىرىلار بىراق كۆڭۈل بۆلمىسەك بولامدۇ
ھەممىسىنى بىر تاياقتا تەڭ ھەيدىسەك بۇ سېنىڭچە قاملىشامدۇ
ئۇلار ئىشەنچىسىنى يوقاتقان بولسا بىز ئىشەنچنى بېرەيلى
ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى بىر قىتىم ئىكەنلىكىنى بىز ئۇلارغا بىلدۈرەيلى
زەنجىر بىلەن دىئالوگMC-5 بىلەن دىئالوگ
جەمىئەتتە كۆرگەنلىرىمىزنى رەپ بىلەن قىلدۇق دىئالوگ
دىئالوگلار ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ئىتىرازلار توختاپ قالمىسۇن
جەمئىيتىمىزگە كېرەكلىرى ئۆتكۈر پىچاقتەك دىئالوگ
قىمار بىر كۈنى خان قىلسا ھامان بىر كۈنى خار قىلىدۇ
ئادەملەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈندىن-كۈنگە تار قىلىدۇ
قەرزدار قەرز سۈيلەپ پۇل ئالغۇچە خارلانسا
پۇل ئالغۇچە قەرزدارنى مىڭ قاخشىتىپ زار قىلىدۇ
شۇنى دىگىنە ۋە سەن قىمار ئوينامسەن
توۋا دېگىنە قەتئى يىقىن كەلمە ئۇ نىجىس نەرىسىگە
ئەتراپىمىزدىكى بەزى بۇرادەرلەر قىمارخانىغا يۈگرەيدۇ
پوققا ئولاشقان چىۋىندەك ئەتراپىدىن يا كىتەلمەيدۇ
بىىساتىنى ئۇتتۇرۇپ قانمايدۇ يا ئۈمۈدىنى ئۈزمەيدۇ
مەسئۇلىيەتسىز قىمارۋاز خوتۇنىنى ئۇتتۇرىۋىتىشتىن يانمايدۇ
قىمار دەپ ئاتىلىپتىكەن قىما دىگەننى قىلىۋاتىمىز
ئائىلىلەرنىڭ ئىللىق كەيپىياتىنى قىمار ئويناپ بۇزىۋاتىمىز
ئاتا-ئانىلار دوست-يارەنلەر ئارىسىدا مىھىر-مۇھەببەت سۇسلىشىپ
شەيتاننىڭ ئارقىغا كىرىپ بىز قارا پاتقاققا پېتىۋاتىمىز
بىز قىمارنى ئويناۋاتامدۇق قىمار بىزنى ئويناۋاتامدۇ
كۈندىن-كۈنگە چۈشكۈنلىشىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىۋاتىمىز
زەنجىر بىلەن دىئالوگ MC-5بىلەن دىئالوگ
جەمىئەتتە كۆرگەنلىرىمىزنى رەپ بىلەن قىلدۇق دىئالوگ
دىئالوگلار ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ئىتىرازلار توختاپ قالمىسۇن
جەمئىيتىمىزگە كېرەكلىرى ئۆتكۈر پىچاقتەك دىئالوگ
更多>> MC-5的热门歌曲