Yarim Degeysen
Muhebbet Sorap/寻爱之路
歌手:eliaqsopa
专辑:《Muhebbet Sorap/寻爱之路》

作词 : Xelq
作曲 : Xelq
يارىم دىگەيسەن
سۆزى ۋە مۇزىكىسى: خەلىقنىڭ
چالغۇلاشتۇرغۇچى: مۇراتجان مۇختەر
ئورۇنلىغۇچى: ئەلىجان ئاقسوپا
تېكىست ئىشلىگۈچى: ئابباس

قاشلىرىڭ قارا-قارا
كىرپىكلىرىڭ زېرۇ-زىۋەرەي
قاشلىرىڭ قارا-قارا
كىرپىكلىرىڭ زېرۇ-زىۋەرەي
يار ئوتۇڭدا مەن كۆيەرمەن
سەن يۈرىيسەن بىخەۋەرەي
ئاي~~~بى~~~
يارىم دىگەيسەن
ئاي~~~بى~~~
جانىم دىگەيسەن
قاشنى قاشقا ئۇلىسا
بۇغدايغا باغلىق بولغۇدەكەي
قاشنى قاشقا ئۇلىسا
بۇغدايغا باغلىق بولغۇدەكەي
يېڭى يار تۇتقان كىشى
سەۋدايى ئاغرىق بولغۇدەكەي
ئاي~~~بى~~~
يارىم دىگەيسەن
ئاي~~~بى~~~
جانىم دىگەيسەن
(مۇزىكا)
كۈيىمەنا كۈيىمەن
قاشى قاراغا كۈيىمەنەي
كۈيىمەنا كۈيىمەن
قاشى قاراغا كۈيىمەنەي
قاشىنىڭ قاراسىدىن
جاننى ئالارغا كۈيىمەنەي
ئاي~~~بى~~~
يارىم دىگەيسەن
ئاي~~~بى~~~
جانىم دىگەيسەن
مەن يۈزۈڭنى ئاي دىسەم
كۆزلىرىڭ يۇلتۇز ئىكەنەي
مەن يۈزۈڭنى ئاي دىسەم
كۆزلىرىڭ يۇلتۇز ئىكەنەي
ساچىڭنى سۇمبۇل دىسەم
قاشلىرىڭ قۇندۇز ئىكەنەي
ئاي~~~بى~~~
يارىم دىگەيسەن
ئاي~~~بى~~~
جانىم دىگەيسەن
(مۇزىكا)
يار كېلىپ ئالدىمدىن ئۆتسە
قاپقارا مۇڭلار ماڭا يەي
يار كېلىپ ئالدىمدىن ئۆتسە
قاپقارا مۇڭلار ماڭا يەي
چۆرۈلۈپ ئالدىمغا كەلسە
تار كېلەر دۇنيا ماڭا يەي
ئاي~~~بى~~~
يارىم دىگەيسەن
ئاي~~~بى~~~
جانىم دىگەيسەن
ئاي~~~بى~~~
يارىم دىگەيسەن
ئاي~~~بى~~~
جانىم دىگەيسەن
جانىم دىگەيسەن

更多>> eliaqsopa的热门歌曲