歌手:
eliaqsopa
专辑:
《Muhebbet Sorap/寻爱之路》 作词 : Heyrinisa
作曲 : Abduweli Nurtay
ياشايمەن
ئەلىجان ئاقسوپا
تۇغۇلدۇم دۇنياغا قەيسەر ياشايمەن
ئاقنى ھەم قارىنى بىلىپ ياشايمەن
تاغ كەبى دەرت ئەلەم ئەزسىمۇ دىلنى
ۋە لېكىن ئەبەدكە مەغرۇر ياشايمەن
تاغ كەبى دەرت ئەلەم ئەزسىمۇ دىلنى
ۋە لېكىن ئەبەدكە مەغرۇر ياشايمەن
يۇرەكتىن تامسا قان تامىدۇ لېكىن
ئاققۇزماي يېشېمنى يۇتۇپ ياشايمەن
يۇرەكتىن تامسا قان تامىدۇ لېكىن
ئاققۇزماي يېشېمنى يۇتۇپ ياشايمەن
ھەسرەتلىك كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەركەن
ئىشەنچكە ئۈمۈتكە تولۇپ ياشايمەن
دەرد ئەلەم يىقىتسا يىقىتسۇن مېنى
دەس تۇرۇپ ئورنۇمدىن كۈلۈپ ياشايمەن
دەرد ئەلەم يىقىتسا يىقىتسۇن مېنى
دەس تۇرۇپ ئورنۇمدىن كۈلۈپ ياشايمەن
گۈلغۇ غۇ مەن ئەمەسمەن چىمەندە تىكەن
قەلبىمگە ئارمانلار پۈكۈپ ياشايمەن
گۈلغۇ غۇ مەن ئەمەسمەن چىمەندە تىكەن
قەلبىمگە ئارمانلار پۈكۈپ ياشايمەن
قەلبىمگە ئارمانلار پۈكۈپ ياشايمەن