歌手:
eliaqsopa
专辑:
《Muhebbet Sorap/寻爱之路》 作词 : Xelq
作曲 : Xelq
مەشۇغۇم
يلغۇزتۇيۇن مۇقامى
ئەلىجان ئاقسوپا
بۇدۇنيادىن ئۆتۈپ كەتتى
بۇدۇنيادىن ئۆتۈپ كەتتى
ئاشۇنداق شاھى مەردان
چىمەنلەر ئىچىدە گۈل قالغاي مەشاقى
مەشاقى غۇنچىسى رەنا
مەشاقى غۇنچىسى رەنا
ئەزەلدىن تائەبەت كۆڭلۈم
قۇتۇلماس ئىشقى بالاسىدىن
يۈرەكلەر لەختىلەر بولدى شۇ كۆڭۈلنىڭ
شۇ كۆڭۈلنىڭ ماجراسىدىن
ئايا رەببىم داغى بى بى بىباقى ئالەم
سەن مېنى يار ئېتمىسەڭ
ئالىمدە مەن يارسىز ئۆتەي
ئالەمدە مەن يارسىز ئۆتەي
كۆيگىنىمنى بىلمىسەڭ
باغرىمنى يېرىپ كۆرسىتەي
جېنىم مازىلىق خېنىم مازىلىق
نېمىشقا شۇنچە مازىلىق
چېيىنى دەملەپ قويۇپ
قايمەاققا كەتكەن مازىلىق
يۈرىگىم بىژ-بىژ قىلادۇ
گۆشتىكى ياغدىن بەتتەر
گۆشتىكى ياغدىن بېتەر
سەن تولا ئاۋارە قىلما
شۇنچە كۆيگىنىم يېتەر
جېنىم مازىلىق خېنىم مازىلىق
نېمىشقا شۇنچە مازىلىق
چېيىنى دەملەپ قويۇپ
قايماققا كەتكەن مازىلىق
دەردىڭدە ئادا بولدۇم مەشۇقۇم
كويۇڭدا جۇدا بولدۇم مەشۇقۇم
كويۇڭدا جۇدا بولدۇم مەشۇقۇم
غەم دەستىدە مەجنۇندەك مەشۇقۇم
بىركۆرمەككە زار بولدۇم مەشۇقۇم
جېنىم مەشۇقۇم ۋاي خېنىم مەشۇقۇم
بىر سۆيۈۋالاي قاركۆز مەشۇقۇم
ئارىمىز يېقىن بولسا مەشۇقۇم
تىلىم بىلەن دان بەرسەم مەشۇقۇم
تىلىم بىلەن دان بەرسەم مەشۇغۇم
كۆڭلۈمدىكى يارىمنىڭ مەشۇقۇم
قۇچاغىدا جان بەرسەم مەشۇقۇم
جېنىم مەشۇقۇم ۋاي خېنىم مەشۇقۇم
بىرسۆيۈۋالاي قار كۆز مەشۇقۇم
قوغۇن تېرىدىم قىرلاپ
قىرنىڭ تۈۋىدە يىللاپ
قوغۇن تېرىدىم قىرلاپ
قىرنىڭ تۈۋىدە يىللاپ
قىزنى ئالىمىز خىللاپ'
جۇگانلا قالىدۇ يىغلاپ
جېنىم ئاغچا مادارىم يوق
سېنىڭدىن باشقا يارىم يوق
قوغۇن تېرىدىم قەندەك
خەقمۇ تېرىسۇن مەندەك
قۇغۇن تېرىدىم قەندەك
خەقمۇ تېرىسۇن مەندەك
خەق سۆيگەننى سۆيمەيمەن
ئۆزىمنىڭ سۆيگىنى قەندەك
جېنىم ئاغچا مادارىم يوق
سېنىڭدىن باشقا يارىم يوق
قوغۇن پەلىزى ئىزدەپ
تاۋۇز تاپىمەن يارىم
قوغۇن پەلىزى ئىزدەپ
تاۋۇز تاپىمەن يارىم
سۆيگەن ياردىن ئايرىلىپ
يالغۇز ياتىمەن يارىم
جېنىم ئاغچا مادارىم يوق
سېنىڭدىن باشقا يارىم يوق
جېنىم ئاغچا ماجالىم يوق
سېنىڭدىن باشقا يارىم يوق
سېنىڭدىن باشقا يارىم يوق